ئىيۇن 11 2012
Wordھۈنەرلىرى..
Wordھۈنەرلىرى..
1- بۈگۈنكى چېسلانى تېز كىرگۈزۈش Alt+Shift+D
2- ھازىر قى ۋاقىتنى كىرگۈزۈش Alt+Shift+T
3- Office نى c دىسكىغا قاچىلىغان بولسىڭىز. 开始 دىن 运行 غا C:\ PROGRAM FILES \MICROSOFT Office \Office 10\WINWord.EXE /n نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلسىڭىز Word قوزغالغاندا يېڭى ھۆججەت قۇرمايدۇ. n نىڭ ئورنى a نى قوشۇپ ئىجرا قىلسىڭىز قىستۇرما ياكى قېلىپلارنىڭ ئىجرا بولىشىنى چەكلەيدۇ. n نىڭ ئورنى m نى قوشۇپ ئىجرا قىلسىڭىز ماكرونىڭ ئۆزلىكىدىن ئىجرا بولىشىنى چەكلەيدۇ. n نىڭ ئورنى w نى قوشۇپ ئىجرا قىلسىڭىز يېڭى Word جەريانى ئىجرا بولىدۇ. n نىڭ ئورنى q نى قوشۇپ ئىجرا قىلسىڭىز قوزغىلىش رەسىمى چىقمايدۇ.
4- توردىن چۈشۈرگەن ماتىرىيالدىكى ↓ نى يوقۇتۇش
ئىزدەش رامكىسى (查找) غا ^l نى كىرگۈزۈڭ (بۇ L نىڭ كىچىك يېزىلىشى)ئاندىن 替换 ئورنىغا ^p يېزىپ ھەممىنى ئالماشتۇرۇڭ.
5- بىر جەدۋەلنى ئىككىگە بۆلۈش : ئورۇننى تاللاپ Ctrl+Shift+Enter نى بېسىڭ.
6-كۇۋادىراتنى تېز كىرگۈزۈش: ئاۋال m نى كىرۈزۈڭ ئاندىن 2 نى كىرگۈزۈڭ ئەمدى 2 نى تاللاپ ctrl +shift نى بېسىپ تۇرۇپ چوڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى + نى بېسىڭ.
7- word نىڭ تەڭشەكلىرى بۇزۇلۇپ كەتسە normal.dot نى تېپىپ ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
8- جەدۋەلدىكى مەزمۇننى ئۆچۈرۈش؛ تاللاپ del كۇنۇپكىسىنى بېسىش.
9- جەدۋەلنى ئۆچۈرۈش؛ تاللاپ backspace كۇنۇپكىسىنى بېسىش.
10- جەدۋەل چوڭلىقىنى تەڭشەش؛ جەدۋەل سول ئۈستى بۇرجەكتىكى 4 باشلىق تاللىغۇچنى تۇتۇپ تاللاپ، ئاستى ئوڭ بۇرجەكتىكى كاتەك شەكىللىك تاللىغۇچنى تۇتۇپ تەڭشەيمىز.
11- كۆپ بەتلىك جەدۋەلدە 1- بەتتىكى جەدۋەل بېشىنى ھەممە بەتتە بېسىش؛ 1- بەتتىكى جەدۋەل بېشىنى تاللاپ 表格 تىزىملىكىدىن 标 题行重复 نى تاللاڭ。
12- تېكىست بۆلىكىنى ماۋزۇغا يۆتكەش؛ شۇ تېكىستنى تاللاپ Alt+Shift+← نى بېسىڭ.
13- خەت نومۇرىنى تېز چوڭايتىش؛ خەتنى تاللاپ Ctrl+] نى بېسىڭ، Ctrl+[ نىمۇ سىناپ كۆرۈڭ يەنە Ctrl+Shift+ نىمۇ سىناپ كۆرۈڭ.
1. ھۆججەتكە ئايرىش سىزىقى قوشۇش (分隔线)
بەزىدە ھۆججەتكە سىزىقلارنى قوشۇش توغرا كەلگەندە سىزىقنى سىزىشمۇ خېلى ئاۋارە قىلىدۇ.تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئايرىش سىزىقىنى ئاسانلا قوشالايسىز.
1.قوش سىزىق سىزىش ئۈچۈن كەينى كەينىدىن = بەلگىسىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسسىڭىزلا بىز قوش تۈز سىزىققا ئېرىشەلەيسىز.
2.دولقۇنسىمان سىزىق سىزىش ئۈچۈن، ~ بەلگىسىدىن ئۈچنى كەينى- كەينىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسساق، بىر دولقۇنسىمان سىزىققا ئېرىشەلەيمىز.
3.ئۈزۈك سىزىق سىزىش ئۈچۈن كەينى – كەينىدىن * بەلگىسىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسساق، بىر ئۈزۈك سىزىققا ئېرىشەلەيمىز.
4.ئىنچىكە تۈز سىزىق سىزىش ئۈچۈن كەينى- كەينىدىن – بەلگىسىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسساق، بىر ئىنچىكە ئۈزۈك سىزىققا ئېرىشەلەيمىز.
5.توم سىزىق سىزىش ئۈچۈن كەينى – كەينىدىن # بەلگىسىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسساق، بىر توم سىزىققا ئېرىشەلەيمىز.