ئۈچ مىليون يۈەنلىك دەرس (يەتتىنچى دەرس)

يوللانغان ۋاقتى : 2013-02-22 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 181 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا ئادەملەر يالىڭاياغ يول يۈرىدىكەن. بىر پادىشاھ پۇقراچە كىيىنىپ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئارىلاۋېتىپ، تاشلىق يولغا كىرىپ قاپتۇ، پۇتلىرىغا تاش پېتىپ، ئاغرىپ، كۆپ قىينىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوردىغا قايتىپ بېرىپ، تاشلىق يوللارنى بىر قەۋەت كالا تېرىسى بىلەن قاپلاشقا بۇيرۇپتۇ. مۇشۇنداق قىلسام ئۆزەمگىمۇ، خەلقىمگىمۇ ياخشى، كىشىلەر يول ماڭغاندا قىينالمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. نەتىجىدە، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بارلىق كالىلار ئۆلتۈرۈلۈپ، تېرىىسى يوللارغا سېلىنىپتۇ، تېرىلەر يېتىشمەپتۇ، نۇرغۇن بايلىق، ئادەم كۈچى ئىسراپ بوپتۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، ئىسراپچىلىق بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بولغاچقا، كىشىلەر ئامالسىز بويسۇنۇپتۇ. شۇ چاغدا بىر مالاي پادىشاھقا ئەقىل كۆرسىتىپ: پادىشاھىم، نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەمنى ئىشقا سېلىپ، شۇنچە نۇرغۇن كالىنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن مال-دۇنيانى ئىسراپ قىلىلا؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزلىرىلا پۇتلىرىغا كالا تېرىسىنى يۆگەپ يول يۈرسىلە بولمامدۇ؟- دەپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ، مالاينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، بۇيرۇقىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ، ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆتۈكنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىكەن.

خۇلاسە كالام: دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش بىر قەدەر ئاسان.شۇڭا
دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دەپ يۈرمەي ئۆزەڭنى ئۆزگەرت (ئۆزەڭنىڭ پۇتىغا كالا تېرىسى يۆگە)، سىرتتىن كېلىدىغان دەخلى-تەرۇز، ئاۋارىچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزەڭنىڭ مەلۇم قاراشلىرى ۋە ئۇسۇللىرىڭنى ئۆزگەرت. ئۆزەڭنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن نەزەرىڭدىكى دۇنيامۇ ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلساڭ، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭ ئۆزەڭنى ئۆزگەرتىش. قەلبىڭ ئۆزگەرسە پوزىتسىيەڭ ئۆزگىرىدۇ، پوزىتسيەڭ ئۆزگەرسە ياشاش ئادىتىڭ ئۆزگىرىدۇ، ياشاش ئادىتىڭ ئۆزگەرسە ھاياتىڭمۇ ئۆزگىرىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *