تۇرمۇشتا ئون ئىشقا دىققەت قىلىڭ
1. بۈگۈن قىلىۋېتەلىگۈدەك ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.
2. ئۆزىڭىز قىلالىغۇدەك ئىشقا ئۆزگىنى ئاۋارە قىلماڭ.
3. قولىڭىزغا تەگمىگەن پۇلنىڭ خىراجىتىنى قىلماڭ.
4. ئەرزاننى قوغلىشىپ، ھاجەتسىز نەرسىنى سېتىۋالماڭ.
5. مەغرۇرلانماڭ، مەغرۇرلۇق ئاچارچىلىق، چاڭقاش ۋە قىش – زېمىستاندىنمۇ بەك ئازاب ھەم زىيانلىق.
6. ئاچكۆزلۈك قىلماڭ، كۆڭۈل – كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ.
7. ئەپلەپ – سەپلەپ ئىش قىلماڭ.
8. يوقىلاڭ ئىشقا باش ئاغرىقى تېپىۋالماڭ.
9. قارىسىغا ئىش قىلماڭ، ئۇسۇل – چارىغا دىققەت قىلىڭ.
10. ھە دېسىلا ئاچچىقلانماڭ، ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ساناقتىن ئوننى ساناڭ، ئاچچىقىڭىز يەنە بېسىلمىسا 100گىچە ساناڭ.
ئالدىنقى تېما : ناھەقچىلىككە سۇكۇت قىلىش سەۋرچانلىققا ياتامدۇ؟
كىيىنكى تېما : بالىلار ھەققىدە ئەقلىيە سۆزلەر