جەننەتكە تۇنجى بولۇپ كىرىدىغان ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
… جەننەتكە تۇنجى بولۇپ كىرىدىغان ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
بىر كۈنى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرمىز قىزى فاتىمەدىن سوراپتۇ:قىزىم،جەننەتكە كىرگەن تۇنجى ئايال كىم،بىلەمسەن؟
ھەزىرتى فاتىمە جاۋاپ بىرىپتۇ: ئەي،كائىناتنىڭ پەخرى،مەن، ئەمەسمۇ؟ سۈيۈملۈك پەيغەمبىرمىز: ياق،پالانى يەردە،پالانى ئۆيدە بىر ئايال بار شۇ ئايالدۇر. ھەزىرتى فاتىمە: جەننەتكە تۇنجى كىردىغان ئايال بولۇشقا قانداق گۈزەل ئەمەللىرى باركىن؟ سۈيۈملۈك پەيغەمبىرمىز قىزى فاتىمە ئانىمىزغا 《بارغىن،ئۇنى زىيارەت قىل،كۆرۈپ بىلسەن》 دەپتۇ. ھەزىرتى فاتىمە ئانىمىز ھازىرلىقلارنى قىلىپ ئۇ ئايالنىڭ قىشىغا يۇل ئاپتۇ ۋە ئايالنىڭ ئۇيىنىڭ ئىشكىگە كىلىپ ئىشكنى قىقىپتۇ ۋە ئۆيدىن ناھايىتى سۆرۈن بىر ئاۋەز: سىز كىم؟
ھەزىرتى فاتىمە: مەن فاتىمە. ئايال: قايسى فاتىمە؟
مەن، رەسۇلۇللا ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە. ئايال؛ ئەيىپكە بۇيرىماڭ،جاھان سۆيگەننىڭ قىزى،ئېرىم ئۆيدە يوق،ئۇ مەندىن باشقا ھىچكىمگە ئىشكنى ئاچما دىگەن ئىدى.مەن بۇلىدۇ دەپ ۋەدە قىلغان،ئىشىكنى ئاچالمايمەن.ئەي رەسۇللۇلانىڭ قىزى. خالىساڭ ئەتە كەلگىن.بىشىمنىڭ ئۆستىدە يىرىڭ بار، ساڭا جېنىم قۇربان بولسۇن.ئۇڭغىچە مەن ئېرىمدىن رۇخسەت ئىلىپ تۇراي؟ ماقۇل ،بولىدۇ دەپتۇ.
ئەتىمۇ بوپتۇ،ھەزىرتى فاتىمە ئۇ ئايالنىڭ قىشىغا بىرىشتا يىنىغا ئوغلى ھۈسەيىن ئەگىشىۋاپتۇ ۋە مەنمۇ بارىمەن دەپتۇ.فاتىمە ئانىمىز ئوغلىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئۇنىمۇ ئىلۋاپتۇ ۋە بىللە ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە يۇل ئاپتۇ…كىلىپ ئىشكنى قىقىپتۇ: سىز كىم؟دەپتۇ ئايال. مەن فاتىمە. ئەي. جاھان سۈيگەننىڭ مۇبارەك قىزى، يىنىڭدىن بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋەزى كىلۋاتىدۇ.ئۇ كىم؟دەپتۇ. مىنىڭ ئوغلۇم ھۈسەيىن، ئۇ پىشمگە ئىسىلدى. كەلگۈسى كەلدى.مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئىلىپ كەلدىم.دەپتۇ. ئايال مەيۈس بىر ئاۋازدا: ئەيىپكە بۇيرىمىغىن ئەي رەسۇلۇللانىڭ قىزى ھەزىرتى فاتىمە،مەن ئىرىمدىن پەقەتلا سىنىڭ ئۈچۈنلا رۇخسەت ئالغان ئىدىم.ئوغلۇڭ ھۈسەيىن ئۈچۈن روخسەت ئالمىدىم.سەن بۈگۈن قايتىپ ئەتە كەلسەڭ،مەن ئىرىمدىن ھۈسەيىن ئۈچۈنمۇ روخسەت ئالسام؟ ماقۇل،بولىدۇ دەپ ھەزىرتى فاتىمە ئۆيگە قايتىپتۇ.
ئەتىسى بۇپتۇ. ھەزىرتى فاتىمە بىلەن ھەزىرتى ھۈسىيىن بىلەن يۇلغا چىقشىغا،ھۈسەيىننى كۆرگەن قىرىندىشى ھەسەنمۇ مىنىمۇ ئىلىپ بىرىڭلار دەپ ئەگىشىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. ھەزىرتى فاتىمە ئوغلىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى يەردە قۇيالماي ھەسەننىمۇ ئىلىپ بىرىپتۇ. ئايالنىڭ ئۆيىگە كىلپ. ئىشكنى قىقىپتۇ ۋە سوغۇق سۆرۈن ئاۋازدا: سىز كىم؟ مەن فاتىمە. يىنىڭدا كىم بار .ئەي رەسۇلۇللانىڭ قىزى فاتىمە؟ ئوغلۇم ھۈسەيىن ۋە ھەسەن ئىككىسى بار.ئۇمۇ ئەگىشىپ تۇرۋالدى.مەن كۆڭلى يىرىم بولمىسىۇن دەپ بىللە ئىلىپ كەلدىم. ئەيىپكە بۇيرىما يا رەسۇلۇللانىڭ قىزى ،مەن ئىرىمدىن پەقەتلا سەن ۋە ئوغلۇڭ ھۈسەيىن ئۈچۈنلا رۇخسەت ئالدىم. ئوغلۇڭ ھەسەن ئۈچۈن رۇخسەت ئالمىدىم.ئەتە كەلسەڭ. مەن ئىرىمدىن ئوغلۇڭ ھەسەن ئۈچۈنمۇ رۇخسەت ئالسام؟ بولىدۇ، ئەتە كىلەي دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. ئەتىسمۇ بوپتۇ،ھەزىرتى فاتىمە يىنىغا ھەسەن ۋە ھۈسەيىننى ئىلىپ ئۇ ئايالنىڭ يىنىغا بىرىپتۇ ۋە ئىشكنى قىقىپتۇ: سىز كىم؟ مەن فاتىمە؛ يىنىڭدا ھەزىرتى ھەسەن ۋە ھۈسەيىندىن باشقا بىرەرىسى بارمۇ يا رەسۇلۇللانىڭ قىزى؟
ياق يۇق دەپتۇ ھەزىرتى فاتىمە. ئىشىك ئىچىلىپتۇ ۋە شۇ قەدەر يۈزىدىن نۇرلار تۆكۈلۈپ تۇردىغان تولۇق ئورانغان بىر ئايال چىقىپتۇ.ئىغىزنى ئىچىپتۇ ۋە بىر ئۈزۈم چوڭلىقىدا فار_فۇرغا ئوخشاش بىر جىسىم چىقىپتۇ ۋە ئايال؛ خوش كەلدىڭ،ھوزۇر ئىلىپ كەلدىڭ يا رەسۇلۇللانىڭ قىزى فاتىمە ؟دەپتۇ. ھەزىرتى فاتىمە تۇنجى بولۇپ ئايالنىڭ يۇلدىشغا بولغان ساداقىتىنى ياقتۇرۇپتۇ ۋە سۇراپتۇ: ئۈچ كۈندىن بىرى سىز كىم دىگەن ئايال سىزمۇ؟ ياق ئۇنداقتا كىم ئۇ ياشانغان ئايال؟ ياشانغان ئايال يۇق ئىدى.ئەي رەسۇلۇللانىڭ قىزى فاتىمە ئىغىزىمدا تاش بار ئىدى.ئۇ سەۋەپلىك ئاۋازىمنى ئۆزگەرتتىم. ھەزىرتى فاتىمە: نىمىشقا ئۆزگەرتتىڭ؟
ئايال: يولدىن ئۆتىۋاتقان ئەر زاتى بەلكىم ئاۋازىمنى ئاڭلاپ شەھۋىتى قۇزغۇلىپ، يامان ئەمەللەر ئىشلەپ قىلشغا سەۋەپ بولۇپ قالماي دەپ ئۆزگەرىتتىم يا ھەزىرتى فاتىمە… ..دەپتۇ ، ئانىلىرىمىز ئاچىلىرىمىز سىڭىللىرىمىزنىڭ ( قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق دىيانەتلىك بۇلۇشقا نىسىپ قىلسۇن ) : ئامىن …..!!!؟