ئاتا ئانا رازى ئاللاھ رازى

يوللانغان ۋاقتى : 2014-03-18 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 333 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140318-141110.jpg

‏بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ: ‏بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن مەن دادام بىلەن تۈگىگە مىنىپ ھەج قىلىش نىيىتىدە مەككىگە قاراپ ماڭغان ئىدۇق يولدا دادام قىسىلىپ قېلىپ ھاجىتىدىن چىقماقچى بولدى دادام ياشانغان بوۋاي بولغانچى ئۈچۈن مەن قۇلىدىن تۇتۇپ تۈگىدىن چۈشۈرۈپ قۇيۇپ ساقلاپ تۇرسام ماڭا : بالام سەن كارۋان بىلەن ماڭغاچ تۇرغىن مەن سىلەرگە يىتىشىۋالىمەن دىدى.
مەن ماقۇل دەپ ماڭغاچ تۇردۇم بىرازدىن كىيىن قالىسام دادام يوق بىيەلەرگە بېرىپ بوپتىمىز ئارقامغا يېنىپ دادامنى تېپىپ ئاندىن مۈرەمگە ئېلىپ ماڭدىم يولدا مىڭىۋاتسام بىر خىل سۇ ئېقىۋاتقاندەك تۇيۇلدى قارىسام دادامنىڭ ياشلىرى ئىكەن
مەن: دادا نىم بولدى سىزگە ؟ سىز بەك يىنىك ماڭا نىسبەتەن ھەرگىز كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ دىسەم دادا: ياق بالام ، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلىمىدىم ، مەن ئەينى ۋاقىتتا دادامنى سىنىڭ چوڭ داداڭنى مۇشۇ يەردە مۈرەمگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغان ئىدىم … دىدى.

ئاتائانىنىڭ خىزمىتىدە بۇلۇش رازىلىقىنى ئېلىش سىنىڭ بالىلىق بۇرجۇڭدۇر ۋە ئۇ بۇرج ساڭا ئۆز پېتى يانار ‏
ئۇلۇغ كىتابلاردا مۇنداق دىگەن «ئاللاھ تائالا پەقەت ئۇنىڭ ئۈزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى ، ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىكككىلىسى سىنىڭ قول ئاستىڭدا بۇلۇپ ياشىنىپ قالسا ئۇلارغا ئوھوي ياكى ئۇف دىمگىن ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا تۇلۇق مىھرىبانلقتىن ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغىن ۋە ئى رەببىم ! ئۇلار مىنى كىچىكلىكىمدە تەربىيلىگەندەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن دىگىن»
‏شۇڭا قېرىنداشلار ئاتائانىمىز ھايات بولسا بىز ئۈچۈن بىر پەخىر بىز ئۈچۈن بىر قۇرغان بىز ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلايلى ۋە رازىلىقنى ئېلىشقا تىرىشايلى چۇنكى ئاتا ئانا رازى ئاللاھ رازى … سىلەردىنمۇ ئاللاھ رازى بولسۇن .

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *