ئىيۇل 17 2013
جۈمە خۇتبىسىدە
پەيغەمبەرسەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرقېتىملىق جۈمە خۇتبىسىدە تۇرۇپ تۇيۇقسىز
”ئامىن، ئامىن، ئامىن“ دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلاپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ساھابىلەر ئۇنىڭدىن“ بۇ سۈننەتمۇ؟“ دەپ سورىغاندا، ئۇ: ”ياق! بايا جىبىرئىل كەلگەن. ئۇنى سىلەر كۆرمىدىڭلار ئۇ ئۈچ خىل ئادەمگە لەنەت ئېيتىپ دۇئا قىلغانتى، مەن ئەگىشىپ ئامىن دىدىم.“ دېگەنىكەن. ساھابىلار ئۇنىڭدىن: ”قايسى ئۈچ خىل ئادەم رەسۇلىللاھ“ دەپ سورىغاندا، ئۇ: ”1.رەسۇلىللا(سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم )نىڭ ئىسمىنى ئۇدۇل چاقىرغان، ھەم ئۇنىڭغا دۇرۇت يوللىمىغان ھەربىر ئۇممەتكە لەنەت.(چۇنكى پەيغەمبەر(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) قىيامەتكىچە ئىمان ئېيتقان بارلىق مۇسۇلمانلارغا قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا سەۋەب بولغان زات، ئۇنىڭ بىزدىكى ھەققى بەك بەك چوڭ. ھەم بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز (سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم)ئۇممىتىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىكى، بۇ زات ھەتتا جان بىرىۋاتقاندىمۇ ئاللاھتىن ئۇممىتىنى ئەپۇقىلىش، قىيامەتتە شەپقەت قىلىش توغرىلىق سورىۋالغان ھەم ئەڭ ئاخىرقى تىنىغىدىمۇ ”ئۇممىتىم! ناماز !ئۇممىتىم! ”دىگەن ھالەتتە كەتكەن.)
2.ئاتا-ئانىنى ھايات تېپىپ ئاللا رازىلىقى ئۈچۈن يىتەرلىك ياخشىلىق قىلالمىغان ئادەمگە لەنەت .(ئاتا-ئاناڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىڭگە سەۋەب بولغان ۋە سېنى چەكسىز مۇھەببىتى بىلەن چوڭ قىلغان كىشىلەر، رەببىمىز اللە مۇ ئەۋۋەلىدە ئاتا-ئانىغا ياخشىلق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ قۇرئاندا).
3.رامزاندائاللاھنىڭ رەھمىتىىگەئېرىشەلمىگەن كىشىگە لەنەت.(چۇنكى رامزاندائاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، بەندە بىلەن اللە نىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ.اللە كۇندە ئۇچ قېتىم مەندىن ھاجىتىنى سورىغۇچىلار بولسا ئىجابەت قىلىمەن دەيدۇ، سەھىھ ھەدىس. ئۇ كۇنلەردە ئۆزرە تۇپەيلى روزا تۇتالمىغانلار،اللە دىن ھايا قىلىش يۇزىسىدىن كۇچا كويلاردا، روزىدارلارنىڭ ئالدىدا غىزالانماي، يۇشۇرنۇپ غىزالانسا، ھەم ئۆزرە ئېيتىپ دۇئاقىلسا، ئۇلارغىمۇ ئوخشاش ساۋاپ بىرىلىدۇ .
بۇنى ئاڭلىغان ساھابىلەر پەيغەمبەر(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) گەئىھتىراملار بىلدۇرۇپتۇ، رامزاندا بىلمەي غەپلەتتە قالغانلىرىغا تەۋبە قىلىپتۇ. ھەم جۇمەدىن تارقاپ، ئاتا-ئانىسى بارلارئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا ئالدىراپ مېڭىشىپتۇ…….