ئەترا پىڭىزدا سىزگە»دوستلۇق«قولىنى سۇنغانلارنىڭ ھەممىسى
بىر كۈنى قارلىغاچ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ كۆلدە جان تالىشىۋاتقان چاياننى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ ،ئۇنىڭ سۇدىن چىقىۋېلىشقا ياردەم بېرىپتۇ،ئۇزۇن ئۆتمەي چايان ئاپتاپنىڭ تەسىردە قۇرۇپ خېلى جان كىرىپ قالغاندىن كېيىن قارلىغاچقا رەھمەت ئېيتىپ دوست بۇلۇپ قالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ،بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ خۇدىنى يوقاتقان قارلىغاچ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئاپتۇ ۋە بىر نەرسىنىڭ سانجىلغان ئاغرىقىنى ھېس قىلىپ يېتىپتۇ لېكىن ئۇچۇشقا ئۈلگۈرمەي تۇرغان جايىغىلا گۈپ قىلىپ يىقىلىپتۇ…بىردەمدىلا ئاغزىدىن قان قۇسقان ھالدا تەستە :مېنى دوستۇم دېگەنىدىڭ يەنە نېمىشقا يەنە چاقىسەن.دەپتۇ، چايان بولسا مەغرۇر ھالدا چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن :چېقىش مېنىڭ تەبىيتىم.دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، ھەقىقەت: ئەگەر سىز پىيالىدە زەھەر بارلىقىنى بىلسىڭىز،ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىسىز…ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئالداپ پىيالىدىكى زەھەر ئەمەس ھەسەل دەپ ئىچىۋەتسىڭىز ئاقىۋەت ئۆلۈپ كىتىسىز ئەڭ مۇھىمى ئەترا پىڭىزدا سىزگە»دوستلۇق«قولىنى سۇنغانلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ساپ نىيىتى بىلەن قول سۇنىشى ناتايىن،ئۇلار ئەنە شۇ رەزىللىكى بىلەن تونۇلغان بولىدۇ..