ئاياللار شاۋقۇنغا سەل قارىماسلىقى كېرەك

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : خانىم- قىزلار / كۆرۈلىشى : 147 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

شاۋقۇننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى 70 دېسبېل ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا، چوڭ مېڭە پوستىلاق قىسمىنىڭ قۇزغۇلۇش ۋە تورمۇزلىنىش تەڭپۇڭلىقى نورمالسىزلىنىپ، ۋېگېتاتىۋ نېرۋىلار ئاجىزلىشىدۇ؛ سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى ئارتىپ، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىدۇ؛ قان بېسىم دولقۇنسىمان بولىدۇ؛ بۆرەك ئۈستى بېزى پوستىلاق ماددىسىنىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ، دەسلەپتە تۇخۇمداننىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ؛ كېيىن تۆۋەنلەش ئىپادىلىنىپ، جىنسىي دەۋران قالايمىقانلىشىدۇ ۋە ھەيز نورمالسىزلىشىدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، شاۋقۇن بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار ئىچىدە ھەيز نورمالسىز كىلىدىغانلار %14نى، ھامىلدارلىقتا ئېغىر كۆڭۈل ئاينىيدىغانلار %14.37نى، ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى %12.5نى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە توشمايدىغانلار %3.68نى تەشكىل قىلىدىكەن. شۇنداقلا شاۋقۇن قانچە كۈچلۈك، ئۇچرىشىپ تۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا، ئۇنىڭ ئورگانىزىم ۋە تۇغۇتقا ئەكس تەسىرى شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار يۇقىرى شاۋقۇنلۇق مۇھىت ئىچىدە ئۇزاق تۇرماسلىقى، توقۇمىچى ئاياللار چوقۇم مەشغۇلات قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، شاۋقۇندىن قوغدىنىش ئەسۋابلىرى ئىشلىتىشى، ئاۋازنىڭ ئورگانىزىمغا بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىشى لازىم.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *