ئاۋغۇست 11 2013
ئىشلەشكە قادىر كىشىنىڭ ئىشلىمەي يېتىۋېلىشى
ئىشلەشكە قادىر كىشىنىڭ ئىشلىمەي يېتىۋېلىشى 《ئاللاھ تەئالا سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتىراپىدا مېڭىڭلار، ئاللاھ تەئالانىڭ بەرگەن رىزقىدىن يەڭلار》- مۇلىك15 ئۆزىنى ئىبادەتكە ئاتىۋېتىش ياكى ئاللاھ تەئالاغا تەۋەككۇل قىلىش باھانىسى بىلەن مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ ئىشلىمەي يېتىۋېلىشى ۋە رىزىق تەلەپ قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىشى ھارامدۇر، چۈنكى ئاسمان ئالتۇن-كۆمۈش ياغدۇرمايدۇ. ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان كۈچكە ئىگە بولغان بىر كىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن ياردەم ۋە سەدىقىلەرگە تايىنىپ ياشىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «سەدىقە ئېلىش بايغا، تېنى ساققا ۋە كۈچى بار ئادەمگە ھالال بولمايدۇ» -ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرغان ۋە مۇسۇلمانغا چەكلىگەن نەرسە بولسا، مەجبۇرىلايدىغان زۆرۈر ئەھۋال بولمىسىمۇ، يۈزىنى چۈشۈرۈپ، ئادەمىيلىكى ۋە ئىززەت -ئابرويىنى تۆكۈپ، كىشىلەردىن بىرنەرسە تىلەشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئېھتىياجى بولمىسىمۇ تىلىگەن ئادەم، خۇددى چوغنى قوللىرى بىلەن يىغقان كىشىگە ئوخشايدۇ»-ئىبن خۇزەيمە رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى مېلىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تىلىسە، قىيامەت كۈنى يۈزىدە يارا بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئۇ جەھەننەمنىڭ قىزىغان تاشلىرىنى يېگەن بولىدۇ. جىق يەمدۇ، ئاز يەمدۇ، ئۆزىنىڭ ئىختىيارى»-ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان. «قايسى بىرىڭلار تىلەمچىلىك قىلىۋېرىدىكەن، ئاللاھ تەئالانىڭ ھوزۇرىغا يۈزىدە بىر پارچىمۇ گۆش قالمىغان ھالدا بارىدۇ»-مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. مانا شۇنىڭدەك شىددەتلىك تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىززىتىنى ساقلىغان. ئۇنى تىلىمەسلىككە، ئۆزىگە تايىنىشقا ۋە باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالماسلىققا ئادەتلەندۈرگەن. -شەيخ يۈسۈف قەرداۋى