ئاچقۇچ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا خېلى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ئاچقۇچلار كىر بولۇپ كەتسىمۇ ئۇنى يۈيۇۋېتىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاچقۇچىنى تۇتۇپ كەينىدىنلا شۇ قولى بىلەن يېمەكلىكنى تۇتۇپ يەيدۇ ياكى ئاچقۇچ بىلەن بالىلارنى ئوينىتىدۇ. ھەتتا بالىسى ئاچقۇچنى چىشلەپ ئوينىسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. كىشىلەر ئېلىپ يۈرگەن %60 تىن ئارتۇق ئاچقۇچتا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، زەمبۇرۇغ، تۇبېركۇليۇز تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەلەر بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ئاچقۇچىڭىزنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

پىكىر مەزمۇنى

ئىسمى :

تور بىكەت ئادىرسى :

رازىمەن تورى
/ تىز كونۇپكا : Ctrl+Enter