ئاساسىي تاختا

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-08 / سەھىپە تۈرى : كومپيوتېر / كۆرۈلىشى : 165 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئاساسىي تاختا يەنە ئاساسىي ماشىنا تاختىسى (主机板 Main board), سىستېما تاختىسى ( System Board 系统), ئانا تاختا ( 母板Motherboard) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، مىكرو كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئاساسىلىق قىسىملىرىدىن بىرى. كومپيۇتېرنىڭ توك يول سىستېمىلىرىدىن _ ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى، BIOS ئۆزىكى، I/O كونتروللاش ئۆزىكى، ھەرخىل ئۇلاش ئېغىزلىرى، كېڭەيتمە ئوقۇر، روزىتكا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن سىرتقى ئۈسكۈنىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرىدىغان يول _ باش لىنىيەمۇ ئاساسىي تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئومۇمەن ئاساسىي تاختا بولمىسا، كومپيۇتېر بولمايدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *