ئىيۇن 17 2012
دېھقانلارنىڭ شەھەرلىكلەرگە بولغان ئاچچىقى
بىز ئەمدى گۆش يىيىشكە باشلىساق، سىلەر كۆكتات يىيىشكە قايتىدىن يۈزلەندىڭلار.
بىز ئەمدى توي قىلالىساق، سىلەر تەنھالىق شۇئارىنى توۋلاشقا باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى قەنىت چىشلىسەك، سىلەر قەنىت سىيىشكە باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى ئارام ئىلىپ تەرلىرىمىزنى سۈرتسەك، سىلەر چىنىقىش ئۆيى ۋە ھورداقخانىغا بىرىپ تەرلىنىشكە باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى تېلېفۇن ئورناتساق، سىلەر توردا سۆزلىشىشكە باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى كىنوخانلاردا ئۇچىرشىشنى ئۈگەنسەك، سىلەر توردا مۇھەببەتلىشىشكە باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى قورسىقىمىز توق كىيمىمىز پۈتۈن بولسا، سىلەر ئەكىسچە ئورۇقلاشقا، كىندىكىڭلارنى ئىچىپ قويۇشقا باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا باشلىساق، سىلەر چەتئەللەردە ئوقۇشقا باشلىدىڭلار.