تىرىشچانلىق
«…شۇندىن بېرى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم ئۇ يەرگە تىرىشىپ كىرمەكتە»، «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دىلىڭلاردىدۇر» («لۇقا ئىنجىلى»، 16-پارە، 16-سۈرە ۋە 17-پارە، 21-سۈرە). «يېڭى ئەھد» (زەبۇر)نىڭ بۇ ئىككى بۆلەك سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەگەر، ئۆز روھىمىز خۇدا بىلەن قوشۇلسۇن، بېھىش بەرپا قىلايلى دېسەك، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز زۆرۈردۇر. بىز ئىجتىھات بىلەن كۈرەشسەكلا بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
بەزىلەر، ھەقىقىي تەقۋادار (ئالايلۇق، خرىستىئان مۇخلىسى) بولۇش ئۈچۈن قەھرىمانە ئىش-ئىزلارنى قالدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىشىدۇ. بۇ قاراش خاتا. سىز ئادەتتىن تاشقىرى، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، تىرىشچانلىقىڭىزنى ھارماي-تالماي قەتئىي داۋاملاشتۇرالىسىڭىزلا كۇپايە.
كىشىلەر ھەقىقەتكە تايىنىپ ئەمەس، ھەقىقەتنى بايقاپ خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتمۇ شۇنداق. مۇھىمى، سىزنىڭ بارغانسېرى ئۇ تىرىشچانلىققا يېقىنلىشىشىڭىز.
قەدەملەر ئاستا ۋە ئۇششاق ئېلىنسىمۇ، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ناۋادا، سىز ھەقىقەتنى سېزىش، ھاياتنىڭ مەنىسىنى تۇيۇشنى ئويلىسىڭىز، مانا بۇ ئەڭ ياخشى چارە-تەدبىردۇر.
6-ئاينىڭ 17-كۈنى