‏‏ئاناڭ مۇھتاج

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-23 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 270 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

‏‏ئاناڭ مۇھتاج

ئەبۇ ھەسەن ھەزرەتلىرى شۇنداق بايان قىلدى :
ئىككى ئاكا-ئۇكا بار ئىكەن،بۇ ئىككەيلەننىڭ خىزمىتىگە مۇھتاج بولغان ئانىسى بار ئىكەن.ھەر كېچە ئىنىسى ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن ، ئاكىسى ئاللاھ يولىدا تائەت -ئىبادەت بىلەن مەشغۇل ئىكەن .بىر كۈنى كېچىسى ئاكىسى :
-بۇ كېچىمۇ ئانامغا سەن قارىساڭ،مەن ئىبادەت قىلاي دەپتۇ.
ئىنىسى ماقۇل كۆرۈپتۇ،ئاكىسى ناماز ئوقۇۋىتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ ۋە چۈش كۆرۈپتۇ.
چۈشىدە بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا :
-ئېنىڭنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىندى،سېنىمۇ ئۇنىڭ يۈز -خاتىرىسى ئۈچۈن كەچۈردۇق، دەپتۇ .
يىگىت ھەيران بولۇپ سوراپتۇ :
- مەن ھەر كۈن ئاللاھۇ تەئالاغا ئىبادەت قىلىمەن،ئىنىم بولسا ئانامغا قاراشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلمايدۇ ،يەنە نېمىشقا مېنى ئۇنىڭ يۈزىنى قېلىپ كەچۈرىسىلەر؟
ھېلىقى ئاۋاز شۇنداق دەپتۇ :
-شۇنداق،سېنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىڭگە بىز مۇھتاج ئەمەس ، ئەمما ئىنىڭ قىلغان خىزمەتلەرگە ئاناڭ مۇھتاج!

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *