ئەرەپ دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ھەقىقى ھادسە

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-23 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 274 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەرەپ دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ھەقىقى ھادسە

‏ 20 ياشلاردىكى بىر بالا بىر كۈنى ماشنا ھەيدەپ كېتىپ بېرىپ بىر يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇشۇپ ئاستىغا كىرىپ كەتتى . نەق مەيدان بەك ئېچىنىشلىق ئىدى. كىشلەر ياردەم ئۈچۈن توپلاندى. كىشلەر بالىنى بېشى ئۈزۈك ھالەتتە كۆردى. كېيىن ساقچىلار كەلدى ۋە بالنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ ئائىلىسىگە تېلفۇن قىلدى . – ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم xx نىڭ ئۆيىمۇ ؟
‏بىر ئايال تېلفۇننى ئالدى : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . شۇنداق .
‏- ئۇ قەيەردە ؟
‏- ئۇ ئۆيدە يوق. ئۆيدە مەندىن باشقا ھېچكىم يوق .
- ‏سىز ئۇ بالنىڭ نىمىسى ؟
‏- مەن ئۇنىڭ ئانىسى . سىز ؟
‏- بىز ساقچى ، ئوغلىڭىزغا ئازراق ھادىسە كەلگەن ئىدى . شۇڭا ساقچىخانىغا بىر كېلىپ كەتسىڭىز .
‏بۇنى ئاڭلىغان ئانا ئوغلىنىڭ ئۆلۈشى ۋە ھالاك بۇلاپ كىتىشى ئۈچۈن ئاللاھغا دۇئا قىلدى . بۇنى ئاڭلىغان ساقچىلار ھەيران قالدى ۋە ھەقىقى ئەھۋالنى يەتكۈزدى . ئانىدىن نىمە ئۈچۈن ئۇنداق دۇئا قىلدىغانلىقىنى سورىدى .
‏ئانا ئېيتىكى :
‏-ئۇ مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مېنى ئۇرىتى ۋە تىللايتى . داۋاملىق تەھدىت سالىتى . ئۇ مېنى بەك زېرىكتۇرىۋەتتى ۋە تويدۇرۋەتتى . ئۇنىڭ دەردىدىن كېچىللىرى ئۇخلىيالمىدىم . ئۇنى تەربىلەيمەن دەپ بەك چارچاپ كەتتىم لېكىن پايدىسى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن ئۇنى ھالاك قىلىۋىتىش ۋە مەندىن يىراق قىلۋىتىش ئۈچۈن دۇئا قىلدىم .

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *