«مېھر–مۇھەببەتنىڭ يېرىمى»
«مېھر–مۇھەببەتنىڭ يېرىمى»
* ئۇلۇقلارنىڭ جەمەتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلار شۇنى بايقىغان: بۇ جەمەتىنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىدىكى سىر بۇ جەمەتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە ئىكەن. ئۇلۇقلار جەمەتى پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ پەرزەنتلىرىدىن ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش، ئۆزىگە–ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش بۇ جەمەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ئىكەن. ئۇلاردا مۇشۇنداق ياخشى ئەنئەنە بولغاچقا ئىگىلىكى باشتىن – ئاخىر ۋەيران بولماي گۈللەپ ياشنىغان.
ئۇلۇقلار جەمەتىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا قاراپ باقايلى: بىر كۈنى ئۇلۇقلاردىن بىرسى بالىسىنى ئۈستەلگە چىقىرىپ قويۇپ ئۇنى ئۈستەلدىن سەكرەشكە ئىلھاملاندۇرۇپتۇ. بالىسى سەكرىسەم دادام مېنى چوقۇم تۇتۇۋالىدۇ دەپ ئويلاپ قورقماي سەكرەپتۇ، كىم بىلسۇن بالا پەسكە سەكرىگەنىكەن دادىسى تۇتۇۋالماپتۇ. بالا قاتتىق يىقىلىپ چۈشۈپ ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ جىددىي قىياپەتتە بالىسىغا: «بالام يىغلىما، ئېسىڭدە بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۈڭگە تايان، ھەرگىز باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتمە، بەزى چاغلاردا داداڭمۇ ئىشەنچىلىك بولماي قالىدۇ» دەپتۇ.ئۇ ھەر كۈنى ئىشقا پىكاپتا بارىدىكەن، ئوغلىنىڭ مەكتەپكە بېرىشتا ماشىنىسىغا چىقىۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىكەن. بىر كۈنى ئوغلىنىڭ نەپەس يولى ياللۇغى قوزغىلىپ قاپتۇ. ئۇ يول مېڭىشتا قىينىلىپ قالغاچقا دادىسىدىن ئۆزىنى ماشىنىسىدا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. لېكىن، دادىسى كەسكىنلىك بىلەن: «بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بىچارە بالا ئاخىرى پىيادە مەكتەپكە بېرىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ تۆت كوچا ئېغىزىدىكى بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكچى بولۇۋاتقاندا دادىسىنىڭ كۆۋرۈك ئاستىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. دادىسى ئوغلىنى كۆرۈپ ھېچنېمە دېمەپتۇ، قولياغلىقىنى ئېلىپ كۆز يېشىنى سۈرتۈپتۇ، ئاندىن ئوغلىنىڭ قولىدىكى سومكىنى ئېلىپ ئۇنى يېتىلەپ مەكتەپكە ئېلىپ مېڭىپتۇ. مانا بۇئۇلۇقلار جەمەتىنىڭ «مېھىر–مۇھەببەتنىڭ يېرىمىنى يوشۇرۇش»تەك پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلىدۇر.
«مېھىر–مۇھەببەتنىىڭ يېرىمىنى يوشۇرۇش» ئەمەلىيەتتە پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە تايىنىدىغان، مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەكسىچە مېھىر–مۇھەببەت، كۆيۈنۈش چەكتىن بەك ئېشىپ كەتسە بۇ ئەمەلىيەتتە بالىلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك، ھاياتىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى يۆلىنىۋېلىشتىن خالىي، مۇستەقىل تۇرمۇش كۆچۈرەلەيدىغان، جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان، كىشىلىك قەدىر–قىممەتكە ئىگە كىشىلەردىن بولسۇن دەيدىكەنمىز، ئاتا–ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىمكانقەدەر مېھر–مۇھەببىتىمىزنىڭ يېرىمىنى يوشۇرۇۋالايلى، بۇ بىزنىڭ بالىلارغا بولغان رەھىمسىزلىكىمىز ئەمەس، بەلكى مېھر–مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى بولۇپ قالغۇسى.