مۇھەببەت ۋە نىكاھ
مۇھەببەت ۋە نىكاھ
بىر كۈنى سوقراتنىڭ بىر شاگىرتى ئۇنىڭدىن ‹‹مۇھەببەت دېگەن نېمە›› دەپ سوراپتۇ. سوقرات جاۋاپ بەرمەي ئۇنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ ئەڭ چىرايلىق تولۇق دان تۇتقان بۇغداي باشىقىدىن بىرنى ئۈزۈپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ ھەم مۇنداق ئىككى شەرتنى قويۇپتۇ بىرى پەقەت كەينىگە يانماسلىق يەنە بىرى پەقەت بىرنىلا ئۈزۈش ئىكەن، شاگرىت ماقۇل بولۇپتۇ ۋە ئېتىزغا كېتىپ بىرھازادىن كېيىن قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. سوقرات سەۋەبىنى سورىسا مۇنداق دەپتۇ:‹‹باشتا ئۇچرىغىنى يامان ئەمەسكەنتۇق، تېخىمۇ ياخشىسىنى ئۇچرىتىپ قالارمەنمىكىن دەپ ئالدىمغا مېڭىۋېرىپتىمەن، ياخشىسى ئۇچرىمىدى يا كەينىمگە يانغىلى بولمىدى، ئاخىرى قۇرۇق قول قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم››.
– ‹‹مانا بۇ مۇھەببەت›› دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ سوقرات. بىر ھازادىن كېيىن شاگىرىت سوقراتتىن يەنە‹‹ئۇنداقتا نىكاھ دېگەن نېمە؟›› دەپ سوراپتۇ سوقرات يەنە جاۋاپ بەرمەي ئۇنىڭدىن ئورمانلىققا بېرىپ يوغان تۈز ئەسقاتقۇدەك ياغاچتىن بىرنى كېسىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ ۋە باشتىكى ئىككى شەرتنى قويۇپتۇ. شاگىرت ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانچە يوغانمۇ ئەمەس ئادەتتىكىچە بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ كەپتۇ. سوقرات سەۋەبىنى سورىسا شاگىرت:
-‹‹ئالدىنقى تەجرىبەمگە ئاساسلىنىپ پۇشايمانغا قالماسلىق ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ ئۈزۈمگە يارىغان مۇشۇ دەرەخنى كېسىپ كەلدىم›› دەپ جاۋاپ بېرىتۇ.
– ‹‹مانا بۇ نىكاھ ›› دەپتۇ سوقرات.