خاتالىق ۋە مەسئۇلىيەت

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-31 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 294 views / ھازىر1دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەدەبىي خاتىرە

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى

1920-يىلى، 11 ياشلىق ئامېرىكىلىق بىر ئوغۇل بالا پۇتبول ئويناۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن قوشنىسىنىڭ دېرىزىسىنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋېتىپتۇ. قوشنىسى ئۇنىڭدىن 12.5 دوللار تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئەينى چاغدا 12.5 دوللار پۇل دېگەن ئۇنچىلىك ئاز پۇل ئەمەس، 125 دانە تۇخۇمنىڭ پۇلى ئىدى. بالىنىڭ بېشى قېتىپ، سەۋەنلىكىنى دادىسىغا دېگەن ئىكەن، دادىسى ئۇنىڭغا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ. بالا ئىلاجىسىزلىقتىن:
ـــ ئۇنچە جىق پۇلنى مەن نەدىن تېپىپ تۆلەيمەن؟ ـــ دېگەنىكەن، دادىسى 12.5 دوللارنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپتۇ:
-بۇ پۇلنى ساڭا ئۆتنە بېرىپ تۇردۇم. بىراق، بىر يىلدىن كېيىن ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشىڭ كېرەك!
شۇنىڭدىن كېيىن بالا جاپالىق ئىشلەمچىلىك ھاياتىنى باشلاپتۇ. ئارىدىن يېرىم يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى 12.5 دوللاردىن ئىبارەت بۇ ‹‹ساماۋى سان››نى تەقلەپ، دادىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. بۇ بالا كېيىنكى كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان رونالد رېگان ئىكەن. ئۇ، بۇ ئىشنى ئەسلىگىنىدە دائىم: ‹‹مەن ئۆز ئەمگىكىم ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم›› دەيدىكەن.

بۈگۈنكى دۇنيا نەشرىياتى 2002-يىلى 5-ئايدا 1-قېتىم نەشر قىلغان ‹‹ھېكايە دەۋرى . كىچىك ھېكايىلەردىكى ئەقىل-پاراسەت›› ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمان: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *