ئانا خىسلىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-31 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 178 views / ھازىر2دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

مارىگۈل تۇداخۇن

ـــ قىزىم، نېنىڭىز تۈگىدىمۇ ؟

ـــ ھە ئاپا. ئۆيگە تونۇر قويايمىكىن دەيمەن، ھېلىمۇ سىزنى نەچچە يىلدىن بېرى كۆپ ئاۋارە قىلدىم.

ـــ خىزمىتىڭىز شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ نان ياقىمەن دېمەي، بىر خالتا ئۇن كىرگۈزۈپ بېرىڭ، بىر تونۇر ياقساممۇ، ئىككىنى ياقساممۇ ئوخشاشلا ياقىمەن!

مانا بۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە بولغان پىداكارلىقى.

ـــ نېمە؟ ئاۋازىڭىز بوغۇلۇپ قاپتىغۇ بالام؟

ـــ زۇكامداپ قاپتىمەن ئاپا.

ـــ چۈشتە ئۇدۇللا ئۆيگە كىرىڭ، شوۋىگۈرۈش قاينىتىپ قوياي، ئىچىپلا يۆگىنىپ

تەرلەنسىڭىز ساقىيىپ قالىسىز!

مانا بۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە بولغان كۈيۈمچانلىقى.

ـــ ئاپا، بۈگۈن مەن بەك خۇشال. مەن يازغان بىر ماقالە ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلنىپتۇ.

ـــ مۇبارەك بولسۇن قىزىم، كەچتە سىز ئامراق چۆچۈرە ېتەي، ھەممىمىز تەبرىكلەيلى!

مانا بۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن سۆيۈنۈشى.

ـــ ئاپا، ئۇنىڭ بىلەن رەنجىشىپ قالدىم، ئۆيگە يىنىپ چىقايمىكىن.

ـــ ھەسەلنىڭ ھەرىسى، گۈلنىڭ تىكىنى بولغىنىدەك تۇرمۇشنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق خاپىلىق ھەم خۇشلۇقى بار، ‹‹ياخشى ئايال بىر پېچ، ئۇ بىر ياخشى ئەرنى تاۋلاپ چىقالايدۇ››، بىر ئېغىز گەپتىن قېلىڭ قىزىم!

مانا بۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قىلىدىغان تەربىيەسى.

ـــ ئاپا، دادام ئىككىڭلارغا ئاياغ ئالاي دېگەن شۇڭا رەزمىسىنى بىلەلمەي ..؟

ـــ ئايىغىمىزدىن نەچچىسى بار. ئىسراپچىلىق قىلماي ئېشىنغان پۇلىڭىزنى بانكىغا قويۇڭ، بالىلىرىڭىزغا ئەسقاتىدۇ.

مانا بۇ ئانىلارنىڭ شەخسيەتسىز پەزىلىتى.

ـــ قىينانام بىكاردىن – بىكار ……ماي تارتىپ ….

ـــ ئىككى ئوغلىڭىز بار، سىزمۇ قېيئانا بولىسىز، ‹‹قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ››، تېز بېرىپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ كۆڭلىنى ئېلىڭ، ئوبدان قىزىم!

مانا بۇ ئانا تەربىيەسى.

ـــ بىر ھەپتىلىك ئۆگىنىشكە بارىدىكەنمەن شۇڭا …؟

ـــ بالىدىن، ئۆيدىن ئەنسىرمەي خاتىرجەم كېتىۋېرىڭ، ھەممىگە مەن بار.

مانا بۇ ئانىلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى.

قەدىرلىك ئانىلار! شۇنداق ھەممىگە سىلەر بار، سىلەر ھاياتلىق دۇنياسىدىكى چەكسىز دېڭىز، سىلەر بىزنىڭ تېغىمىز، بېغىمىز، روھىي تۈۋرۈكىمىز، ھاياتلىقنىڭ بوستانىدۇر سىلەر. جاھاندىكى ئەڭ شېرىن سۆزمۇ، ئەڭ چىرايلىق ناممۇ ‹‹ئانا›› دېگەن نام ئىكەن. سىلەر بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن ياشاپ، ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئېقىپ، بىر ئۆمۈر بىزگە قانماي، ۋىسالىمىزغا قانائەتسىزلىك بىلەن تەلمۈرۈپ، بىر تامچە-بىر تامچىدىن ئېرىپ تۈگەيدىغان شامغا ئوخشايدىكەنسىلەر. سىلەر خۇددى قۇياشنىڭ ھەربىر نۇر تالالىرىدەك قەلبىمىزگە سىڭىپ كىرىپ ھاياتلىق يولىمىزدىكى ماياكقا ئايلىنىدىكەنسىلەر. ئەپسۇس ئارىمىزدا سىلەر بېغىشلىغان شەخسىيەتسىز روھنىڭ ئوندىن بىرىنى سىلەرگە قايتۇرالىغان پەرزەنتلەردىن قانچىسى باردۇر؟ چۈنكى ئانا بولغان كۈندىن ئېتىبارەن بىزمۇ قەيسەرلىك بىلەن قەلبىڭلارنىڭ دەرسخانىسىدىن ئۆگەنگەن ئۆزىنى بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ ئۇدۇم، بۇ روھنى ئۈن–تىنسىز رەۋىشتە ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا مىراس سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇشتۇرىدىكەنمىز.

ھالال ئەجىر–مېھنىتىڭلارغا رازى بولۇڭلار، بىزگە بەرگەن مېھىر-شەپقىتىڭلارغا رازى بولۇڭلار، باقالمىغان، ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالالمىغان بولساقمۇ تارتقان كۈلپەتلىرىڭلارغا رازى بولۇڭلار، ئالتۇن تېنىڭلار ئامان بولسۇن، سۆيۈلۈش ھەمدە سۆيۈش سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! مانا بۇ ماڭا ئوخشاش بارلىق پەرزەنتلەرنىڭ چىن يۈرىكىمىزدىن چىققان ئوتلۇق سادايىمىزدۇر!

ئاپتور: كۈنەس ناھىيە تالدى بازىرى دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىدا

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *