تەكەببۇرلۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-08-13 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 168 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

تەكەببۇرلۇق

ماس كەلمىگەن چاق ئايلانغاندا، يېقىمسىز شاۋقۇن چىقماي قالمايدۇ. يۈرۈش-تۇرۇشتا مەنمەنچىمۇ شۇنداق: ئۇ زور مىقداردا يېقىمسىز شاۋقۇن-سۈرەن چىقىرىدۇ.
ھەممە ۋاقىتتا ھەممە ئادەمنى سۆيەلىشىڭىز تەس، بىراق، بۇ ئۇنداق قىلىمەن دەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر، سىزنىڭ جىسمىڭىز كۈچلۈك بولسا، تېنى ئاجىزنى يۆلىۋېلىڭ. ئەگەر، سىز ئەقىل-پاراسەتلىك بولسىڭىز، ئەقىلسىز، نادانلارغا ياردەم قىلىڭ. ئەگەر، سىز ياخشى تەربىيە ئالغان بولسىڭىز، تەربىيە يۈزى كۆرەلمىگەنلەرگە ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ. ئەگەر، باي بولسىڭىز، يوقسۇللارغا ياردىمىڭىزنى ئايىماڭ. بىراق، تەكەببۇرلارنىڭ پىكىر-خىيالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار، ئۆزلىرىدە باشقىلاردا يوق نەرسىلەر بولغانىكەن، ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشقا ھەقلىق، ئۇ نەرسىلەردىن باشقىلارمۇ تەڭ بەھرىمەن بولسا بولمايدۇ، دەپ قارىشىدۇ.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *