جەسەت ساقلاش ئۆيىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-19 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 139 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

قەشقەدىكى بىژ دوختۇرخانىغا ئوت كېتىپتۇ ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ – تىرمىشىپ مىڭ تەستە ئۆچۈرەپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانا باشلىقىغا دەيدىكەندە :
- ماڭ قايلىسىلا يەنجاڭ ، ما ئوتنى ئۆچۈرەپ بولدۇق ، ئى بىنالىرىنىڭ دىشاسىدا ئۈچ ئەدەم قوقاپ ھۇشىدىن كېتىپتىكەن ، بىز ئىككىنى سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈپ ھۇشىغا كەلتۈرەپ قويدۇق قايلىسىلا ، لېكىنزە بىرسى قەتئىي بۇلامماي ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىپ كەتتى جۇما ……
دوختۇرخانا باشلىقى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كېتىپتۇ ، ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ما ئاداشقا نىم بوغاندۇ دەپ ئۇنى مىڭ تەستە ھۇشىغا كەلتۈسە ، ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا :
-ئا دىشاشى جەسەت ساقلاش ئۆيىتى ئەمەسما ! – دېگۈدەك

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *