ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

يوللانغان ۋاقتى : 2012-07-24 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 137 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلىڭ.
مۇبادا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ھاۋاي ھەۋىسىنى بوي سۇندۇرالمىسىڭىز، خۇشاللىقنى قوغلىشىشقا باشلايسىز، سىزنىڭ قايناق ھېسسىياتىڭىز بارغانچە كۈچىيىدۇ، ئاخىرى بېرىپ سىز ئۆزىڭىزنى زەنجىر بىلەن چۈشەپ، كىشەنلەپ قويىسىز.
كىشىلەر بۇ دۇنيادا قانداق ياشاۋاتىدۇ، قاراپ بېقىڭلار. چىكاگو، پارىژ، لوندون ھەمدە باشقا شەھەرلەرگىمۇ قاراپ بېقىڭلار، ئايروپىلان، پويىز، قوراللىق ئەسكەرلەر، قەلئە-قورغانلار، ئىبادەتگاھلار، موزېيخانىلار ۋە ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرگە قاراپ بېقىڭلار. ئاندىن ئۆزۈڭلاردىن: «ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دەپ سوراڭلار. ئۇنىڭ جاۋابى: ئەڭ ئاۋۋال، بىز ھەرگىز ئەسكى ئىش قىلماسلىقىمىز ۋە زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز كېرەك، ھالبۇكى، بىز ھازىر بۇ ئىشلارنى نورمال ئىشتەك قىلىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتۇق.

7-ئاينىڭ 24-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *