گەپ-سۆز

يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-24 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 125 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىز كۈتكەندەك مۇئامىلىسىگە ئېرىشىمەن دېسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تىزگىنلەڭ.
ئۆزىڭىزنى ماختاپ-ئۇچۇرماڭ ھەم ئۆزىڭىزنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرمەڭ. باشقىلار بىلەن ھەرگىز بەس-مۇنازىرە قىلىشماڭ.
گەپ-سۆزدە سىلىق-سىپايە بولۇش قانچىلىك مۇھىم-ھە! ئاچچىقىڭىز كەلتۈرۈپ قويۇلغاندا، سىز ھەرقانچە راست گەپ قىلسىڭىزمۇ ھېچكىمنى قايىل قىلالمايسىز، سىز شۇندىلا گەپ-سۆزدە مۇلايىم بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز. مۇلايىملىق بىلەن ئىللىق گەپ قىلسىڭىز ھەر بىر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلالايدۇ، ھەتتا ھاماقەتمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
مۇبادا سىز دوستىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ قالغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى دوستىڭىزنىڭ قارىشىنى دەرھال قوللاڭ، بۇ ئارقىلىق يامان گەپلەرنى توختىتىڭ. ئەگەر، سىزنىڭ ئۇنداق غەيۋەتخور دوستىڭىز بولمىسا، ئۆزىڭىزنى ياخشى ھېسابلاۋېرىڭ.
ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بىر پەس پاراڭدىن كېيىن، سىز بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنى ئويلاپ باقسىڭىز، ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقايسىزكى، ئۇنىڭدا ئارتۇقچە، پۈچەك گەپلەر نېمە دېگەن تولا-ھە.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *