بالىلار ئاڭلاشتىن قورقىدىغان سۆزلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2013-05-02 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 205 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

بالىلار ئاڭلاشتىن قورقىدىغان سۆزلەر

 

بۇ دۇنيادا ئەڭ سەبى، كۆڭلى ئەڭ ئاسان ئازار يەيدىغان بالىلاردۇر. بالىلار ئاجىز، ئەمما كۆڭلى سەزگۈر كېلىدۇ،ئۇلاردا چوڭلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارتا بەرگەن باھاسىغا نىسپەتەن بىر خىل پىسخىك ئىنكاس شەكىللىندۇ. سىزنىڭ مۇئەييەشلەشتۈرىشىڭىز ئۇلارنىڭ دىلىنى يايرىتىۋىتىدۇ، سىزنىڭ ئويلانمايلا قىلغان بىر جۈملە ئەيىپلەش سۆزىڭىز ئۇلارنىڭ سەبى قەلبىدە يۇقاتقىلى بولمايدىغان داغ پەيدا قىلىدۇ.
بالىلارنىڭ قەلبىدە كۆڭۈللۈك خاتىرلەرنى قالدۇراي دىسىڭىز، ئۇلارغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ :
* كالۋا، كارغا يارىماس!
* تازىمۇ كارغا كەلمەس نەرسىكەنسەن.
* ئاغزىڭنى يۇم ياغاچ قولاق!
* مەن بولمايدۇ دىگەندىكىن بولمايدۇ!
*ئەمدى سېنىڭ بىلەن كارىم يوق نىمە قىلساڭ قىل!
*ئۆتۈنۈپ قالاي ئەمدى بۇنداق قىلمىغىن.
*ئەگەر ئېمتاھاندا يۈز نۇمۇر ئالساڭ…… ئېلىپ بېرىمەن
*سېنىڭ بۇ ئىشىڭ كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلدى.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھاسى : بالىلارنىڭ كۆڭلى نازۇك بولىدۇ، ئۇلار چوڭلارنىڭ قوللىشى ۋە چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ.
ھەر بىر ئىلھام بەخىش ئەتكۈچى سۆزلەر ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردۇ، بىراق قوپاللىق بىلەن تىل سېلىش، ئۇلارنىڭ ئىززەت_ ئابرويىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. بالىلىرىڭىزنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىنكار قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلىش، ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق. بالىلار«ساراڭ، گومۇش،دۆت، ئەسكى» دىگەندىكىدەك سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بۇ سۆزلەرنى ئۆزلىرى ئۈستىدە چىقىرىلغان ئەڭ ئېغىر ھۆكۈم دەپ بىلىدۇ_ دە، ئۆزلىرىنى ئائىلىستە ۋە مەكتىپىدە«باشقا تەبىقە» گە مەنسۇپ كىشىلەردەك ھېس قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بالىلار غەشلىك تۇمانى ئىچىدە تېڭىرقاپ، ياشاۋاتقان موھىتتىن تېخىمۇ سەسكىنىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ،

مەنبە: ھاياتلىق 2007-6-سان.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *