سۆيۈملۈكۈم، مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
بىر كۈنى ئايال ئېرىدىن: – سۆيۈملۈكۈم، مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟ – دەپ سوراپتۇ. – ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. -– دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئېرى. – ئۇنداقتا مەن ئۈچۈن قۇربان بېرەلەمسىز؟ – بېرەلەيمەن، بىراق ئۇنداق قىلىش خاتالىق. مەن قۇربان بەرسەم، كىم سىزنى ياخشى كۆرىدۇ؟ – باشقىلار ئايالىنى قۇياشىم، دەپ ئەركىلىتىدىكەن، مەن نېمىڭىز؟ – قولچىرىغىم. – نېمە؟ قۇياش بولالمامدىمەن؟ – قۇياش بولساڭ بولمايدۇ، قۇياش ھەممە ئەرلەرگە ئورتاق، سەن پەقەت ماڭىلا نۇر بەرسەڭ بولدى. ئېرىنىڭ جاۋابىدىن سۆيۈنگەن ئايال يەنە سوراپتۇ: – نېمىشقا ماڭا ھەر قاچان شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز، خاتالىقىم – كەمچىلىكىم يوقمۇ؟ – تويدىن ئىلگىرى ئاتامدىن: «ئانام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىڭلارنى كۆرمىدىم، مەنمۇ شۇنداق ئۆتەلەرمەنمۇ؟» دەپ سورىغانىدىم، ئۇ: «ئايالىڭنىڭ خاتالىقى ۋە كەمچىلىكىنى ئەيىبلەپ يۈرمە،ئونى ئوروپ تىللاپ قايىل قىلما، ئو ئىغىزدىلام قايىل بولو دو. ئونى سويوپ هـورمه تله پ قايىل قىل ئو چىن يورىكىدىن قايىل بولىدو. چۈنكى شۇنچە گۈزەل قىز قىسمەن كەمچىلىكلىرى بولغاچقىلا، سەندىنمۇ ياخشى ئەرلەرنى تاپالماي ساڭا تەگمەكچى، ئاناڭمۇشونداق. ئايال توي قىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە كۈنىدە پولۇ ئېتىپتۇ، ئەمما ئاشقا ئىس ئۆتۈپ قاپتۇ. ئېرى ئۆيگە كىرىپلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپتۇ -– دە، ئايالىنى باغرىغا چىڭ بېسىۋاپتۇ. – نېمە قىلىۋاتىسىز؟ ئادەمنىڭ خۇيى تۇتۇپ تۇرغاندا، – دەپتۇ ئايال. – ھا … ھا … خاتىرە كۈنى دېگەن مۇنداق بولمامدۇ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكىدەك پولۇ ئېتىپسەن، شۇڭا سېنى كېلىنچەكتەك قۇچاقلىۋالغۇم كەلدى، – دەپتۇ ئەر. ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تاراملاپدۇ.