روھنىڭ بىردەكلىكى

يوللانغان ۋاقتى : 2012-04-05 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 150 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىر ئادەم قانچە ئۇزۇن ياشىغانسېرى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنچە قويۇقلىشىدۇ. ئىنسانىيەتمۇ شۇنداق. ئىنسانىيەت ھاياتى ئۇزاققا سوزۇلغانچە شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ.
سىز ئۆز-ئۆزىڭىزنى مەركەز قىلغان سۆيگۈدىن بىردىنلا قۇتۇلسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا باشقىلار بىلەن ئىناقلىشىشقا باشلايسىز.
خرىستوسنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىمى ئىناق-ئىجىل ئۆتۈش، بىز بۇ تەلىمگە سەل قارىمىساقلا «خرىستوس»نى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، بىز شۇندىمۇ ھەقىقىي تەقۋادار بولالايمىز.
سىز تاختاي ياتقۇزۇلغان يولنى بويلاپ مېڭىپ، سازلىقلاردىن كېسىپ ئۆتكەندەك ئىناقلىق يولىنى ئانچە كۈچىمەيلا تاپالايسىز. سىز توغرا يولدىن بىرلا ئاداشسىڭىز، تۇيۇق، مۇخالىپ ۋە گۇناھلىق يولنىڭ سازلىقىغا چۈشۈپ كېتىسىز.
ھەممە ئىشقا ياخشى كۆز بىلەن قارىسىڭىز، ھەممە ئىش ھەقىقىي ياخشى بولۇر.

4-ئاينىڭ 5-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *