تۆت چىۋىننىڭ تەقدىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-31 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 178 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئاچلىقتىن ئارانلا قالغان تۆت چىۋىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، يەيدىغان نەرسە ئىزدەپتۇ.

بىرىنچى چىۋىن بىر ئىستاكان سۈتكە قونۇپ، قانغۇچە ئىچىپتۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ ئىچكەن سۈتكە نورمىدىن ئارتۇق مېلامىن قوشۇلغانىكەن.

ئىككىنچى چىۋىن تاۋۇزغا قونۇپ، ھۇزۇرلىنىپ يەپ كېتىپ قاپتۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئاشقازىنى قاتتىق ئاغرىپ، ئۇمۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ يېگەن تاۋۇزدا كۆپ مىقداردا دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقلىرى بار ئىكەن.

ئۈچىنچى چىۋىن ئاق ھاراققا قونۇپ، قانغۇچە ئىچىپتۇ. بىراق ھاراق ئىچىپ كۆنۈپ كەتكەن بۇ چىۋىن تېزلا مەست بولۇپ، بېشى قېيىپ، كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. چۈنكى ئۇ ئىچكەن ھاراق تەركىبىدە نورمىدىن ئارتۇق فورمالدېھىد بار ئىكەن.

تۆتىنچى چىۋىن ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: ‹‹ھازىر نەرسىلەرنى ئالدىراپ يېگىلى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئەنئەنىۋى تائاملىرىمىزدىن يەي›› دەپ ئويلاپ، بىر دۆۋە پوقنىڭ يېنىغا كېلىپ قونۇپتۇ ھەم خاتىرجەم غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئارام ئالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ ئۆلۈپتۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىككىلەمچى زەھەرلىنىشتىن بولغانىكەن.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *