ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-09 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 143 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

ھۇرۇن ئادەم بارلىكى يەردە، باشقا بىر ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىلەر قولغا كىرگۈزۈۋالغان نەرسىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولسا، بۇنداق ئادەملەر بار يەردە باشقىلار ئاچلىقتا قالىدۇ، ئۇلارغا ئەقەللىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىمۇ نېسىپ بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئەقلى-ھوشىنى يوقىتىدىغان ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار تەلەپلەر ئىجاد قىلىشقان، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق غەرىزى زېرىكىشىدىن قۇتۇلۇش.
ئىشلىمەي بىكار يۈرسىڭىز زېرىكىسىز. زېرىككەندە سىز گۇناھ (جىنايەت) ئۆتكۈزىسىز.
تۇرمۇشىڭىزدا ھەپىلىشىدىغان بىرەر ئىش بولسا، ئارام ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش-تاماشالار ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئىشلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش تەكرار دەۋرلىنىپ تۇرسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز خۇشال-خۇرام ئۆتىدۇ. شۇغىنىسى، ھەممە ئىش ياكى ھەممە كۆڭۈل ئېچىشلار شۇنداق بولىۋەرمەيدۇ.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *