خۇشاللىق قەيەرگە كەتتى؟
ئەسلىدە ھەقىقى خۇشاللىق يۇمۇر كۈلكىدىن ئەمەس بەلكى دوسىتلاردىن،ئۆزئارا دوستانىلىقتىن كىلەتتى،ئەمەلىيەتتە ھەممەيلەن ئالقىنىمىزدىكى ئەقلىي ئۈسكۈنىلەردىن غەمخانىلىق ئىزدەشكە كۆنۆپ كەتكەن ئەشۇ دەقىقىلەردىن باشلاپ خۇشاللىق بىزدىن يىراقلاشقان،نىمىشقا دوسىتلىشىدىغان،دوسىتلاشتۇرىدىغان دىتاللار،ئۈسكۈنلەر شۇنچە كۆپ ھەم راۋان بولغانسىرى دوسىتلۇقنىڭ قىممىتى شۇنچە تۆۋەنلەپ بارىدۇ؟چۈنكى بىز چىنلىق ،سەمىمىيلىك ،ۋاپا ئەمەس سان سىفىر قوغلىشىۋاتىمىز.يەنى دوستلۇقنىڭ قىممىتىنى ئۈندىدار،بىلوگلاردىكى ئەگەشكۈچىلارنىڭ ۋە زىياپەت ئۈستەللىرى ۋە رومكىنىڭ ئەتىراپىغائۇلاشقانلارنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچەۋاتىمىز. دوستلۇقنى ،خۇشاللىقنى ئۆز ئەتىراپىمىزدىكى،چىن رېئال دۇنيادىن ئەمەس بەلكى مەۋھۇم دۇنيادىن ئىزدەۋاتىمىز.
خۇشاللىقنى قەيەردىن تاپىمىز؟بىز ياخشىراق ئويلىنايلى.كۆزلىرىمىزنى ،تەپەككۇرىمىزنى ،بارماقلىرىمىزنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلمايلى.
دوسىتلىقىمىز چىن بولسۇن، توردىن كۆچۈرگەننى ئەمەس يۈرەكنىڭ قىتىدىن ئىتىلىپ چىققان سۆزلەرنى قىلىشايلى ،شۇندىلا بىز ھەقىقىي خۇشاللىققا چۆمەلەيمىز