بىر ھەپتە بوپتۇ مانا……جۈسەي (كۈدە)…

يوللانغان ۋاقتى : 2014-04-18 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 263 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140418-180555.jpg

مۇنداق……
ئايالىم تۇيۇقسىزلا كۈدىدە تاماق ئېتىشقا ئالاھىدە ئامراق بوپ كەتتى……
دۈشەنبە كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەم،جۈسەي لەغمەن ئېتىپ ئولتۇرۇپتۇ……ۋاھ ۋاھ،تەمى ئۆزگىچە……
سەيشەنبە كۈنى ئىشتىن كەلسەم،جۈسەي مانتا تۈگۈپ ،مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ……پاھ پاھ،ئۆزگىچە ھوزۇر……
چارشەنبە كۈنى كەلسەم،جۈسەي تۇخۇمدا پۆرە ……سەل زورلاپ قالدىم……
پەيشەنبە ……جۈسەي بەنشىسى……ئۇھ……
جۈمە كۈنى جۈسەي تۇخۇم تۈرمىلى……ئاھ خۇدا……
بىر ھەپتە بوپتۇ مانا……جۈسەي (كۈدە)……
شەنبە ئايالىم:
-بۈگۈن جۈسەيدە……
ئاغزىڭنى يۇم!!
دەپ چىقىپ كەتتىم تالاغا……
شۇ كۈنى مەن كونىلارنىڭ “زۇۋانىڭغا جۈسەي تېرىيمەن”دەپ تىللايدىغىنىنى چۈشەندىم……
نىم بىئارامچىلىق بۇ……
ئويلىساملا يىغا تۇتىدۇ……

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *