ئۇنى دەرياغا تاشلاڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-21 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 156 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 
ئۇنى دەرياغا تاشلاڭ

ئىسرائىل ئەۋلادى (بەنى ئىسرائىل) ئۆز زامانىسىدا، زامانداشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز پادىشاھ پىرئەۋننى ھۆكۈمران قىلغان ئىدى. پىرئەۋن ئۇلارنى كېچە – كۈندۈز دېمەستىن ئۆزىنىڭ ۋە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ناچار ئىشلىرىغا سېلىپ، ئارام بەرمەيتتى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن تارتىپ، تا ئۇنىڭ خەلقىگىچە ئىسرائىل ئەۋلادىنى پەس كۆرگەنلىكى ۋە كەمسىتكەنلىكىتىن، شۇنداقلا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھالاك بولىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئوغۇل بالىنىڭ ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرەتتى. قىزلىرىنى خىزمىتىگە سېلىش ئۈچۈن تىرىك قالدۇراتتى.

پىرئەۋن بۇ بالىنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئەركەكلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى.

پۈتۈلۈپ كەتكەن تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايتتى. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىگەن ۋاقتى – مۆرىتى كەلسە ئۇ ھەرگىز كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. ھەر بىر ۋاقىتنىڭ ھۆكمى بولىدۇ. جانابى ھەقنىڭ بۇ ھەقتىكى كالامى:

]مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى «مۇسانى ئېمىتكىن ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز. پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) قىلىش ئۈچۈن (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى پىرئەۋن ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى.پىرئەۋننىڭ ئايالى: ‹(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز› دېدى. ھالبۇكى ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى.[ (‹قەسەس› سۈرىسى، 7-، 8-، 9-، ئايەتلەر)

پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئوغۇللىرىدىن نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن قىبتلار[1] ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئەركەكلىرىنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئۆلتۈرىۋېرىپ، ئۇلار ئىشقا سالىدىغان ئەرلەر قالماي، زور ئەمگەكنىڭ ئۆزلرىگە يۈكلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، پىرئەۋنگە: «ئەگەر بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئۆلۈپ تۈگەپ، ئوغۇللىرى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاياللىرى ئەرلىرى قىلالىغان ئىشنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن ئىشلار بىزگە قالىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئوغۇللارنى بىر يىل ئۆلتۈرۈپ، بىر يىل ئۆلتۈرمەسلىككە پەرمان چۈشۈرىدۇ. ھارۇن ئەلەيھىسسالام، ئوغۇل بوۋاقلار ئۆلتۈرۈلمەيدىغان يىلى تۇغۇلغان. يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان نۆۋىتى كەلگەن يىلى مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلىدۇ.

پىرئەۋننىڭ بۇ ئىشقا مەخسۇس بەلگىلىگەن ئادەملىرى بار بولۇپ، بۇ ئادەملەر تۇغۇت ئانىلىرى ئارقىلىق ھامىلدار ئاياللارنى تىزىمغا ئېلىپ، ئۇلار يەڭگىيدىغان چاغدا، پەقەت قىبت ئاياللىرىلا تۇغۇت ئانسى بولاتتى. ئەگەر ئۇ ئايال قىز تۇغسا ئۇلار بالىغا چېقىلماي كېتەتتى. ئوغۇل تۇغسا، ھېلىقى مەخسۇس ئادەم قاسساپلىرى پىچاقلىرىنى بىلەپ كىرىپ، بالىنى بوغۇزلىۋىتەتتى.

قاھھار (قەھىر قىلغۇچى) سۈپىتىگە ساھىب ئاللاھ ئۇ نائەھلىلەرنى رەسۋا قىلىۋەتسۇن!

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ھامىلدار بولغاندا، ھامىلدارلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەچكە، تۇغۇت ئانىلىرى بايقىيالمىغان. ئەمما ئۇنىڭ كۆزى يورۇغاندا، ئانىسى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىن قورقۇپ، تىت – تىت بولاتتى، بالىسىغا ئىچى ئاغرىيتتى.

مۇسانى كۆرگەنلىكى كىشى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. مەيلى ئۆزلىكىدىن بولسۇن، مەيلى دىن يۈزىدىن بولسۇن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئادەم بەختلىكتۇر. جانابىي ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

«ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم» (‹تاھا› سۈرىسى، 39- ئايەت)

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى بالىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقۇپ، چوڭقۇر بىر تەشۋىش ئىلكىدە قالىدۇ. شۇ چاغدا، خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيىتقاندەك، قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئىلھام بىلەن كۆڭلىگە چۈشىدۇ، خىيالىدىن كېچىدۇ.

«مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى «مۇسانى ئېمىتكىن ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز.» (‹قەسەس› سۈرىسى، 7- ئايەت)

بۇ قىسسىنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: مۇسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئۆيى نىل ساھىلىدا ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بىر ساندۇق ياسىتىپ، دەرياغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ئانىسى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆيىدە ئېمىتەتتى، ئەگەر يېنىغا بىرەر يوچۇن كىشى كىرىپ قالغۇدەك بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دەريا بويىغا ئېلىپ بېرىپ، ھېلىقى ساندۇققا سېلىپ، ساندۇقنى ئارقان بىلەن باغلاپ، ئارقاننىڭ بىر ئۇچىنى قىرغاققا چىگىۋېلىپ دەرياغا قويۇپ بېرەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر ئادەم كىرىۋېدى، ئانىسى ئۇنىڭ بالىنى بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دەريا بويىغا ئېلىپ بېرىپ، ھېلىقى ساندۇق بىلەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ساندۇقنى باغلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ساندۇق سۇدا لەيلەپ بېرىپ، پىرئەۋننىڭ تۇرالغۇسى ئالدىدىن ئۆتكەندە، كېنىزەكلەر ساندۇقنى سۈزۈۋېلىپ، پىرئەۋننىڭ ئايالىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىشىدۇ- يۇ، ئەمما بۇ كېنىزەكلەر ساندۇقنى پىرئەۋننىڭ ئايالىدىن بۇرۇن ئېچىپ قويۇپ، گەپكە قېلىشىدىن قورقۇپ ساندۇقنى ئاچمىغاچقا، ئۇنىڭدا نېمە بارلىقىدىن بېخەۋەر ئىدى. ھالبۇكى، ساندۇقتىن ئاجايىپ چىرايلىق، كەم – كۇتىسىز يارىتىلغان، ئوماققىنە بىر ئوغۇل چىقىدۇ. ئۇ ئايال بالىغا بىرلا نەزەر تاشلايدۇ – دە، ئاللاھۇ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن قەلبىگە بالىنىڭ مۇھەببىتى چۈشىدۈ. نېھايەتتە، بۇ مۇھەببەت جانابىي ئاللاھنىڭ بۇ ئايالنىڭ بەختلىك بولىشى، ئىززەتلىك بولىشىنى، ۋە ئېرىنىڭ بەدبەخت بولىشىنى ئىرادە قىلغانلىقىنىڭ نىشانىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەقتىكى كالامى: ]پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) قىلىش ئۈچۈن (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى.[ (‹قەسەس› سۈرىسى، 8- ئايەت)

بۇ ئۇلۇغ ئايەت (ئايەتى كەرىم) نىڭ تەپسىرىلىك مەنىسى: «ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا خاپىلىقنىڭ مەنبەسى ۋە دۈشمەن قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ساندۇقنى سۈزىۋېلىشنى تەقدىر قىلغان ئىدى.»

 بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن قورققانلىقىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىغا كۈچلۈك دەلىلدۇر. پىرئەۋن بالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولغاندا، پىرئەۋننىڭ ئايالى خانىش ئاسىيە كىچىك مۇسا ھەققىدە، پىرئەۋن بىلەن تالاش – تارتىش قىلىپ، بالىنى ھىمايە قىلىدۇ. ئۇنى پىرئەۋنگە ياخشىچاق قىلىپ:

«بۇ بالا ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خوشاللىق) بولسۇن.» دېگەندە، پىرئەۋن: «سەن ئۈچۈن شۇنداق، ئەمما مەن ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس» دەيدۇ.

ئىش ئەمەللىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. ئاللاھ تائاللاھ پەيغەمبەر مۇسانىڭ سەۋەبى بىلەن ئاسىيەنى ھىدايەت قىلدى، جەننەتكە مۇيەسسەر قىلدى، پىرئەۋننى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ھالاك قىلدى.

ئاسىيە كىچىك مۇسانى بالىچىلاپ بېقىۋالماقچى بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پىرئەۋندىن بولغان ئوغلى يوق ئىدى. ئۇلار دەريادىن سۈزۈۋالغان بۇ بالا ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىنىڭ قانداق بۈيۈك، قانداق ئاجايىپ ھېكمەتلەرنى ئېرادە قىلغانلىقىنى ئەسلا بىلىشمەيتتى.

]مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس- ھۇشىنى يوقاتتى (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى. ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: ‹(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن› دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى ئۇلار (ئۇنى) تۇيمايتتى. (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: ‹سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئايالنى كۆرسىتىپ قۇيايمۇ­ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ› دېدى. ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ.[ (‹قەسەس› سۈرىسى، 10- ئايەتتىن، 13- ئايەتكىچە)

مۇسانىڭ ئانىسىغا كەلسەك، ئوغلىنى دەريادا ئېقىتىپ قويغان ئانىنىڭ پۈتكۈل ئەس – يادى بالىسىدا بولۇپ، ئولتۇرسا – قوپسا بالىنىڭ غېمىدە ئىچ – ئىچىدىن ئۈزۈلىدۇ. «بەندىسىنى خاتىرجەم قىلغۇچى» (ئەلمۆئمىن) دېگەن گۈزەل ئىسىمغا ساھىب ئاللاھ مۇسانىڭ ئانىسىغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىپ، سەبىرگە نائىل قىلىمىغان بولسا ئىدى، ھەسرەت – نادامەتتىن ئۆزىنى يوقاتقان ئانا بىر ئوغلىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نېمە كۈنگە قالغانلىقىنى دەپ تاشلىغان، مەخپىيەتلىكنى ئېچىپ تاشلىغان بولاتتى.

 ئۇ چوڭ قىزىنى مۇسانىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىشكە، شەھەر ئەتراپلىرىدىن بۇ ھەقتە نېمە پاراڭلار بولىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ.

مۇسانىڭ ھەمشىرىسى قاتتىق ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇنىڭ پېيىگە چۈشىدۇ.

مۇسا ھازىر پىرئەۋننىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ ئۇنىڭغا خانىش تولىمۇ ئامراق بولۇپ قالغان ئىدى. كىچىك مۇسا ئوردىدىكى ئىنىك ئانىلارنىڭ ھېچقايسىنى ئەمگىلى ئۇنىمايدۇ.

ئۇلار ئىنىك ئانا ئىزدەپ مۇسانى ئېلىپ بازارغا بارىدۇ. مۇسانىڭ ھەمشىرىسى ئىنىسىنى ئۇلارنىڭ قولىدا كۆرىدۇ- يۇ، چاندۇرمايدۇ.

بۇ كەلگۈسىدىكى پەيغەمبەر مۇسانىڭ ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدا ئىززەت – ئىكراملىق بولغانلىقى ۋە ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئۇنى ئۆز ئانىسىدىن باشقا بىرسىنى ئېمىشتىن ساقلاپ قالغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۆز ئانىسىنىڭ ئىمىتىشىگە سەۋەب قىلغانلىقىدىندۇر.

مۇسانىڭ ھەمىشىرىسى سۈت ئانىسى ئىزدەپ پىتراپ كېتىشكەن بۇ ئاياللارنى كۆرگەندە، ]سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئايالنى كۆرسىتىپ قۇيايمۇ­ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ[ دېدى. (‹قەسەس› سۈرىسى، 12- ئايەت)

مۇسانىڭ ھەدىسى بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، ئۇلار ئۇنى تۇتىۋېلىپ بېرىپ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ.

ئۇلار قىزنى، «ئۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇسانى ئىخلاس بىلەن ئېمىتىپ، كۆيۈنۈپ باقىدىغانلىقىنى سەن قانداق بىلىسەن؟» دەپ سوراقلىغاندا، ھەدىسى ئۇلارغا: «ئۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىنى ئىخلاس بىلەن ئىمىتىشى، كۆيۈنۈشى، پادىشاھنىڭ شاتلىقى، ۋە شاھنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۈر» دەپ جاۋاب بېرىپ قۇتۇلىدۇ – دە، ئېنىك ئانىسى ئاياللار بىلەن بالىنى ئېلىپ، مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشىدۇ. ئانىسى مۇسانى ئېمىتىۋېدى، بالا ئېمىدۇ. بۇنى كۆرگەن خوتۇنلار بۇ خۇش خەۋەرنى ئېلىپ، خانىشنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كېتىدۇ.

بۇنى ئاڭلىغان ئاسىيە مۇسانىڭ ئانىسىنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا زور ئىلتىپات كۆرسىتىدۇ، ئاسىيە گەرچە بۇ ئايالنىڭ مۇسانىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، بالىنىڭ ئۇنى ئەمگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ھەدىيە – تارتۇقلارنى ئىنئام قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئوردىدا تۇرۇپ بالىنى ئېمىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسانىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ ئەرلىك ۋە بالىلىق ئايال ئىكەنلىكىنى خانىشنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇش ئۇنىڭغا بىئەپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خالىسا، بالىنى ئۆز ئۆيىدە ئېمىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قويىدۇ. خانىش ئاسىيە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، كىچىك مۇسانىڭ ئانىسىنى نۇرغۇن سوۋغا – سالاملار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويىدۇ. مۇسانىڭ ئانىسى قەلب خانىسى خاتىرجەملىك نۇرىغا چۈمۈلگەن ھالدا بالىسىنى ئېلىپ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ.

«قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغۇچى، رىزىق – رەھمەتنى ئاشۇرغۇچى» (ئەلفاتتاھ) دېگەن گۈزەل ئىسىمغا ساھىب جانابى ھەق ئۇنىڭ قورقۇنچىنى، ئىززەت – ئابرۇيغا، سەكپارىلىقىنى، دىل ئارامىغا ئايلاندۇرۇپ بەردىكى، پىشكەلچىلىك بىلەن ئۇندىن قۇتۇلغىچىلىك بولغان ۋاقىت پەقەت شۇنچىلىك ئىدى.

ئىشلار ئىلكىدە بولغان ئاللاھ پاكتۇر! ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇ بولىدۇ. نېمىنى خالىمىسا شۇ بولمايدۇ. جانابىي ھەق ئۆزىدىن قورقىدىغان كىشىگە ھەر قانداق غەم – غۇسسە، پېشكەل – پالاكەتچىلىكتىن كېيىن چىقىش يولىنى ھەم ئۆزى بېرىدۇ.

بۇ قىسسە تامام

 

[1] قىبت- قەدىمكى گىرگچە سۆز بولۇپ، ئەينى زاماندا، « مىسىر ئاھالىسى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ھازىر مىسىردىكى خىرىستىيانلارنى كۆرسىتىدۇ – ت.

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *