ۋاقتى كەلدى، ۋاقتى كەلدى!

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-21 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 251 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 
ۋاقتى كەلدى، ۋاقتى كەلدى!

تارىخچىلار تىلىدا قەيىت قىلىنغاندەك، مالىك ئىبنى دىنار بەنى ئابباس ساقچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاللاھ يولىدىن قاچقان، ئۆزىنى قاچۇرۇپلا تۇرىدىغان بىر ھاراقكەش ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بىر ئايالنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ، ئەمما ئۇ خۇدانىڭ كۈنى ھاراق ئىچىپلا تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بىر قىز پەرزەنتلىكمۇ بولىدۇ.

پەرزەنت ئىشقى ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئىگەللەيدۇ، ئۇ ئىشتىن كېلىپلا قىزىنى ئوينىتاتتى، ئەركىلىتەتتى. ئۇ ھاراق ئىچىپ كەلگەن چاغلىرىدا بولسا، قىزى ئەكىلىگىنىچە بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ھاراق بوتۇلكىسىنى چۈشۈرىۋېتەتتى. ئۇ گويا، جېنىم دادا، ئاللاھتىن قورقۇڭ، ھاراق دېگەن مۇسۇلمانغا قەتئىي لايىق ئەمەس، دەپ خىتاپ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. قىز بىلەن دادا ئەنە شۇ تەرىزدە ئۆتىشەتتى. بىر كۈنى ئۇ قىزىنى ئەركىلىتىپ، ئاسمانغا ئېتىپ ئوينىتىۋاتقاندا، قىزى چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن دادا ھەسرەت – نادامەت ئىچىدە قالىدۇ.

شۇ كېچىسى ئۇ چىلاشقىدەك ئىچىپ، قاتتىق مەست بولىدۇ. ئۇ شۇ كۈنكى ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:

ئۇ كۈندىكى دەردىمنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ھېس قىلالمايتتى. شۇ ھەسرەتتە ئۇخلاپ قاپتىمەن، چۈشۈمدە، قىيامەت قايىم بولغىدەك، كىشىلەر قەبرىلىرىدىن يالاڭئاياغ، يالىڭاچ ۋە خەتنىسىز ھالدا چىقىپ، باشلىرىنى ساڭگىلتىشىپ، مەھشەر مەيدانىدا خار – زەبۇن بولغان ھالدا يۈرۈشكىدەكمىش. شۇ ئەسنادا، ناھايىتى چوڭ بىر يىلان ئاغزىلىرىنى يوغان ئېچىپ، كىشىلەر ئارىسىدىن مېنى نىشانلاپ، كېلىۋاتقۇدەك، دەم تارتىۋاتقۇدەكمىش…

مەن قاچقۇدەكمەن، قاچقۇدەكمەن. ئۇ ھەم مېنى قوغلىغىدەك، قوغلىغىدەك، يۇرۇكۈم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دېگەندە، سالاپەتلىك، تەمكىنگىنە كەلگەن بىر مويسىپىت مۆتىۋەللى[1] ئۇچىرىغۇدەك، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى چوقۇم قۇتقۇزۋېلىڭ!» دېسەم، ئۇ: «قولۇمدىن كەلمەيدۇ، سەن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزالايدىغان كىشىنىڭ قېشىغا بارغىن» دېگۈدەكمىش، ھېلىقى يىلان بولسا مېنى توختىماي قوغلاۋاتقۇدەك، مەن جەھەننەمنىڭ لىۋىگە كېلىپ توختىغۇدەكمەن.

ئارقىمدا يىلان، ئالدىمدا جەھەننەم، ئۆزۈمنى جەھەننەمگە تاشلاي دەپ تۇرىشىمغا، غائىبتىن: «قايت، سەن ئۇنىڭ ئەھلى ئەمەس!» دېگەن ئاۋاز كەلگۈدەك.

مەن يەنىلا ئارقىمدىن يىلان قوغلاۋاتقان ھالدا، قىيامەت مەيدانىغا قايتىپ، ھېلىقى، مويسىپىتتىن: «سىزدىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مېنى قۇتقۇزۇشىڭىزنى، ياكى پاناھلانغۇدەك بىرەر جاينى كۆرسىتىپ قويۈشىڭىزنى سورايمەن» دېسەم، ئۇ: «قولۇمدىن كەلمەيدۇ، بىراق ساڭا ئاۋۇ قەسىرنى كۆرسىتىپ قوياي، ئۇنىڭدىن نىجاتلىق تېپىشىڭ مۇمكىن» دېگۈدەكمىش، ئاندىن ئۇ قەسىرگە قاراپ مېڭىۋاتقۇدەكمەن، ئارقىمدىن يىلان قوغلاۋاتقىدەك.

قەسىر سېرىق گۆھەر، لەيلى – ياقۇت، ئۈنچە – مارجانلار ۋە تۈرلۈك – تۈمەن جاۋاھىراتلار بىلەن بېزەلگەنمىش، تۇيۇقسىز، «پەردە ئېچىلسۇن!» دېگەن خىتاب بىلەن تەڭ پەردە ئېچىلىپ، بىر توپ ئاي يۈزلۈك ئوماق بالىلار چىقىپ، بۇ قورقۇنچلىق مەنزىگە قاراپ قالغۇدەك، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قىزىم ئۇشتۇمتۇت چىقىپ كېلىپ، «دادا!» دەپ بىر توۋلاپلا يىلان بىلەن مېنىڭ ئارامغا ئۆزىنى ئاتقۇدەك…

قىزىم يىلاننىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر نىمىلەرنى دېسە، يىلان كېتىپ قالغۇدەك، ئاندىن قىزىم ساقىلىمغا ئېسىلىپ، مەيدىلىرىمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، جېنىم دادا، ]مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقت كەلمىدىمۇ؟[ (‹ھەدىد› سۈرىسى، 16- ئايەت)

كەلدى، كەلدى، دەپ بولۇپ، ئۇ نېمە يىلان دېسەم، ئۇ سىزنىڭ يامان ئەمەللىرىڭىز بولۇپ، سىزنى دوزاخقا چۈشۈرىۋەتكىنى تاس قالدى – دەپ جاۋاب بەرگۈدەكمىش.

ئۇ مويسىپىت كىشىچۇ؟ دېسەم،ئۇ سىزنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭىز بولۇپ، يامان ئەمەللىرىڭزگە قارىشى تۇرۇشقا ئاجىز كەلدى. دەپ، مەيدەمگە ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇپ تۇرۇپ، جېنىم دادا، «مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقت كەلمىدىمۇ؟» (‹ھەدىد› سۈرىسى، 16- ئايەت) دېگۈدەكمىش.

چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئاندىن تاھارەت ئېلىپ، بامدات نامىزىغا مەسجىدكە باردىم...

ھەيران قالارلىقى، «فاتىھە» سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغان ئىمام ]مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقت كەلمىدىمۇ؟[ دېگەن ئايەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئۇلۇغ ئايەت گوياكى ماڭىلا خىتاپ قىلىنىۋاتقاندەك ئىدى.

↷ـــــــــــــــــــ‹بىرىنچى قىسسە تامام›ـــــــــــــــــــــــ↶

 

ئەلقىسسە: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن (بەنى ئىسرائىل) بىر كىشى قىرىق يىل ئاللاھ تائالانىڭ تائەت – ئىبادىتىدە بولغاندىن كېيىن، يامان يولغا تېيىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر چىشلەم گۆش[2] لىك ئەسلىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ، قىرىق يىل گۇناھ – مەئسىيەت ئىچىدە ياشايدۇ.

ئاندىن راھمان تائالاغا قول كۆتۈرۈپ، «ئى، پەرۋەردىگارىم، قىرىق يىل تائەت – ئىبادىتىڭدە بولدۇم. شۇنداقلا، قىرىق يىل گۇناھ – مەئسىيەت ئىچىدە، ئىتائىتىڭدىن چىقتىم. ئەمدىلىكتە مەن سېنىڭ يولۇڭغا قايتىپ، تەۋبە قىلىپ، ئىش – ئەمەللىرىمنى تۈزەتسەم، تەۋبەم قوبۇل قىلىنارمۇ؟» دېگەندە، شۇنداق بىر سادا كەلگەن:

سەن بىزگە ئىتائەت قىلدىڭ، بىز ساڭا يېقىنلاشتۇق. بىزگە ئاسيلىق قىلدىڭ، سىنى ئالدىراتمىدۇق. ئەگەر تۆۋبە قىلىپ بىزگە قايتساڭ، بىز سېنى قارشى ئالىمىز.

ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر! ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمە دېگەن ئەپۇچان- ھە! ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمە دېگەن كۆيۈمچان- ھە!

رەھمىتى پۈتكۈل شەيئىگە يېتىدىغان راھمان تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن بىزلەرگە رەھىم قىلىشىنى سورايمەن.

       (بۇ قىسسە تاماملاندى)

 

[1]

[2]  بۇ «بىر چىشلەم گۆش» دېگەن كەلىمە، ئەرەبچىدىكى «مۇدغە» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «مۇدغە» نىڭ ئەسلى لوغەت مەنىسى، «بىر چىشلەم گۆش»، «پارچە-پۇرات» دېگەن مەنىدە. مېدىتسېنا ئالىملىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» نىڭ تۆرەلمىگە ئائىت ئايەتلىرىدىن بايقىشىچە، تۆرەلمە تۆرىلىپ، 25- 26 كۈنلۈك بولغاندا، لاتىنچە «c» ھەرپى شەكلىدە بولىدىكەن- ت.

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *