ھاياتلىقتىكى قىممەتلىك سۆزلەر
- ئادەم، « ئادەم»گە ئوخشاش بولۇشى، خۇددى ئىككى پۇتى يەرگە دەسسەپ تۇرغاندەك مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك.
 - كىشىكلەر بىلە ن قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەندە، كۆپرەك تۇتۇپ تۇرۇڭ، چۈنكى سەمىمىيلىك ئەسلىدىمۇ بىر گۆھەر.
 - باشقىلارنى تاللىغان ۋاقىتتا، سىزمۇ باشقىلارنىڭ تاللىشىغا يول قويۇڭ، باشقىلارنى سىنىغان ۋاقتىڭىزدا، سىزمۇ باشقىلارغا سىزنى سېنىشىغا يول قويۇڭ.
 - كۆز بىلەن كۆرۈپ تۇرغانلىكى نەرسىنى ھەقىقىي رىئاللىق دېيىشكە بولمايدۇ.
 - سەھنىدە نومۇر ئۇرۇنلىغان ھەر بىر ئارتىسلارغا ئالقىش ياڭرىتىشمىز كېرەك.
 - سەن ئۆزۈك پىكاپ ھەيدەپ تۇرۇپ، ئالاھىتەن ۋېلسىپىت مېنىپ كېتىۋاتقان خىزمەتدىشىڭگە سالام قىلىپ يۈرمە، باشقىلار چۈنكى سىزنى ئۆزنى كۆز-كۆز قىلدى دەپ قالىدۇ.
 - بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق بولغان دوستىنى تاشلىۋەتكىنى، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تاشلىۋەتكەنلىكى بىلەن باراۋەر.
 - تۈنۆگۈننى ئېنىق كۆرۈش، بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش، خۇشال-ىۇشال ئەتىگە بېقىش كېرەك، تۈنۆگۈندىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىش، بۈگۈندىن نەتىجە كۆرۈش، ئەتىگە ھەرىكەتلىنىش كېرەك.
 - ياخشى ئادەم بىلەن غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈڭكى، ئەسكى ئادەملەر بىلەن زىياپەتتە بولماڭ
 - ئۆزۈڭنىڭ سەمىمىيلىكىگە شۇنچىلىك ئىشەنسەڭمۇ، باشقىلارنىڭ ئالىيجاناپلىقىغا ئۇنىڭدىن بەكىرەك ئىشىنىشىڭ كېرەك.
 - ئادەتتە ئۆزىڭىزنى ئاقلايمەن دەپ يۈرمەڭ، لېكىن بەزىبىر ئىدىيە، بەزىبىر تاللاش، بەزىبىر ھەق-ناھەقلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىڭىز كېرەك.
 - ئۆتۈپ كەتكەن ئۆتمۈشىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كىشىگە بىلدۈرۈپ يۈرمەڭ.
 - كۆپ سۆزلەش ئىناۋىتىڭىزنى تۆكۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئادەم كۆپ بولغان ئاممىي سورۇنلاردا ئاز سۆزلەڭ.
 - بىر كىملەر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا باشقىلارنى يامان ەىپىنى قىلىپ قالسا، سىز پەقەت كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولدى.
 - ياش ۋاقتىدا ئۆز بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئادەم، كېيىن چوقۇم شۇنداق بىخىل بولۇپ كېتىدۇ، قېرىغان ۋاقىتلىرىدا قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان دۇنياخور بولۇپ كېتىدۇ.
 - ئەگەر بىز بىراۋ بىلەن دوست بولماقچى بولساق، ئۇنداقتا ئاۋۋال باشقىلار ئۈچۈن ئازىراق ئىش قىلىشمىز كېرەك، ئۇنىڭغا ئازىراق ۋاقىت، كۈچ- غەمخورلۇق، تەقدىم قېلىش دېگەنلەر بولغاندا بولىدىغان ئىش.
 - يوشۇن يەردە دوستۇڭغا نەسىھەت ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىن، لېكىن چوڭ ئاممىي سورۇنلاردا چوقۇم ئۇنى ماختىغىن، تەرىپلىگىن.
 - مەڭگۈ سەرقانداق بىر ئادەمگە ھەم سېنىڭ بىلەن ئەڭ ياخشى ئۆتمەيدىغان ئادىمىڭگىمۇ چېتىلىپ قالمىغىن. سەن ئۆزۈڭنىڭ جىدىلىنى ئويناۋەرگىن، مەن ئۆزۈمنىڭ خىزمىتى بىلەن ھەلەك بولاي.
 - ئۆزۈڭ ياقتۇرمايدىغان ئادەمنى ھۆرمەت قىلىش، پەلەكتە دەۋازچىلىقتا ماڭغانغا ئوخشاش بەرداشلىق بېرىش كېرەك.
 - ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ھەر بىر كۆرسەتكۈچ بەلگىسى بۇ «باشلىنىش نۇقتىسى» دېگەن سۆز يېزىلغان بولىدۇ.
 - ئۆزنى تەنقىدلەش كىشىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، ئۆزنى ماختاش لېكىن ئۇنداق ئەمەس.
 - باشقىلارنىڭ دوستكۇقىغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەنسەن، ئاۋۋال باشقىلارغا ئۆزۈڭنىڭ دوستلۇقىنى ئىپادىلىشىڭ كېرەك.
 - تەقدىر بىلەن ۋەزىيە ناھايتى زىچ باغلىنىشلىق، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئۆزۈڭنى ئېچىشقا ماھىر بولساڭ، ئاندىن ئۆزۈڭنىڭ تەقدىرىنىڭ خوجىسى بولالايسەن.
 - ساڭا كەڭ- كۇشادە، ئوچۇق-يورۇق سۆز قىلالايدىغان ئادەم، سىزنىڭ يېقكىن دوستىڭىزمۇ بولالايدۇ.
 - تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى كۆرۈنمەس بىر ئويما پىچىقىدۇر، ھەممە ئادەمگە شەكىل چىقىرىدۇ.
 - باشقىلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇق قىلغنالىقىنى كۆرۈش ئەمەلىيەتتە ئۆزنى كەمسىتىش بىلەن ئوخشاش
 - ئەركەك بىلەن ئەركەك ھەققىقەت يولىدا دوست بولۇر، پەسكەش بىلەن پەسكەش نەپ پايدا يولىدا دوست بۇلۇر.
 - ئۆزىنىڭ كۆزىنى ئېتىۋېلىش، دۇنيانىڭ قاراڭغۇز زۇلمەتكە تولغانلىقى بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ كۆزىنى ئېتىۋېلىش، يورۇقلۇق ئۆزڭىزىگىلا تەۋە بولۇپ كەتكەنلىك بولمايدۇ.
 - ئەڭ ئاسان يېقىلىپ كېتىدىغان جاي ئىگىز چوققا ئەمەس بەلكى تۈپتۈز يولدۇر، ئورەككە چۈشۈپ كەتكەن ئادەم پەقەت يۇقىرىغا ئۆرلىگەندىلا ئاندىن چىقىش ئېغىزى تاپالايدۇ.
 - ئاكا-ئىنىلار دوست بولالمايدۇ، لېكىن دوستلار دائىم ئاكا-ئىنى بولىشىدۇ.
 - باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى قىلىشقا تىگشلىك دەپ بىلسەك بولمايدۇ، چوقۇم مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىشمىز كېرەك.
 - نەپ-پايدىسى سەۋەبىلىك سىز بىلەن دوست بولغان كىشى، پايدىسىز بولغانلىق سەۋبى بىلەن سىزدىن دوستلۇقىنىمۇ ئۈزۈشىمۇ مۇمكىن.
 - باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزى ئۈچۈنمۇ پەقەت سىزنىڭ ئىچكى قەلىب دۇنيايىڭىز سىزغان رەسىمدۇر.
 - سەن غەزەپلەنگەن ۋاقتىىڭدا، ئاغزىڭنى چىڭ يۇمىۋالغىن، ئاچچىقىڭنى تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ——-سۇكرات
 - ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا ئۆزىنى جازالىغانلىق.
 - تۇرمۇشتا ئەگەر دوستىڭىز بولمىسا، خۇددى تۇرمۇشتا قۇياش نۇرى بولمىغانلىق بىلەن باراۋەر .
 - ئەتىكى ئۈمىد بىزنىڭ بۈگۈنكى ئازابىمىزنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
 - ھاياتلىقتا ئەگەر ئارزۇ ، ئۈمىد، تىلەك دېگەنلەر يوقاپ كەتسە، ئۇنداق ھاياتلىق پەقەت بىر دۆۋە قۇرۇق شەكىلگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
 - نۇر چېچىش پەقەت قۇياشنىڭلا خاسلىقى ئەمەس، سىزمۇ نۇر چاچالايسىز، بۇ راست.
 - ئەقىلسىز كىشى جىسمانىي جەھەتتىن قەلبىنى كۆزىتىدۇ، ئەقىللىق كىشى قەلبى ئارقىلىق جىسمانىي جەھەتنى كۆزىتىدۇ.
 - بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۆزڭىزدىكى بار بولغان ھەممە نەرسىنى قەدىرلەش، يوق بولغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇش كېرەك.
 - ئاچكۆزلۈك ئەڭ سەمىمىي بولغان كەمبەغەللىك. قانائەت ئەڭ سەمىمىي بولغان بايلىقتۇر.
 - سىز مۇھەببىتىڭىز بىلەن پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، سىز ھەم نەپرىتىڭىز بىلەن پۈتۈن دنيادىن مەھرۇممۇ قالىسىز.
 - ئادەمنىڭ قىممىتى، ئېزىقتۇرۇشقا دۈچ كەلگەن ۋاقىتتىكى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا بېكىتىلىدۇ.
 - ياشلىق بىزنىڭ بىردىنبىر كەلگۈسىمىز تۈزدىغان ھوقۇقلۇق دەۋىر.
 - مۇھەببەتتىن سۆز قالمىغاندا، بارلىق نەرسە مەنىسىز بىلىنىدۇ
 - ھەقىقىي مۇھەببەت ھاياتلىق مۇساپىسىدىن، كەڭ قۇرساقلىقتىن، ھېسىياتنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن ھالقىغان بولۇشى كېرەك.
 - ئادەم بىردىنلا ئويغانغاندا، ئۆزدىن تاشقى نەرسىلەرنى ئىزدەشتىن ۋاز كېچىدۇ. يەنە ئۆزىنىڭ قەلبى دۇنياسىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.
 - پەقەت ئىشەنچ بولسىلا، ئادەم مەڭگۈ مەغلۇب بولمايدۇ.
 - مەيلى قاچاندىنبېرى باشلاڭ، مۇھىمى باشلىغان ئىكەنسىز توختىتىپ قويماسلىقىڭىز لازىم.
 - مەيلى سىز قاچانلا ئاخىرلاشتۇرۇڭ، مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغان ۋاقتىڭىزدا پۇشايمان قىلماڭ.
 - ئادەمنىڭ ئاجىزلىقى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىزدۇر.
 - ئادەمنىڭ باتۇرلىقى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى.
 - «مۇمكىن بولمايدۇ» پەقەت ئەخمەقلەرنىڭ لۇغىتىدىلا مەۋجۇت.
 - بىكار تەلەت ئادەمنىڭ ئەقلنى داتلاشتۇرۋېتىدۇ.
 - ھەر بىر ئىشنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويلاش كېرەك.
 - بارلىق مەغلۇبىيەتلەر، ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن قولدىن كەتكەندىن قارىغاندا، تېخى ئېچقانچە ئىش ئەمەس.
 - پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن ئاغرىنغان ئەمەس، كىشىلەر تېخى پەرۋەردىگەرنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن.
 - گۈزەل ھايات ئارزۇ ئۈمىدكە، خۇشاللىققا، مىننەتدارلىققا تولغان بولۇشى كېرەك،
 - دۇنيادا كىشىنى ئەڭ ھاردۇردىغان ئىش، ئالدىغا باسمىغان ساختلىق بىلەن كۈن كەچۈرۈشتۇر.
 - يارىتىش مەندىن يارىلىش ئۆزۈڭدىن
 - سىز ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ.
 - ھاياتلىق بەكمۇ قىسقا، بۈگۈن ۋاز كەچكەن نەرسىڭىزنى ئەتە قولغا كەلتۈرەلىشىڭىز ناتايىن.
 
 ئالدىنقى تېما :  كاللا تۇماق كىيىشكىلا يارالغان ئەمەس
                   كىيىنكى تېما :  ۋاقىت
                
 رازىمەن