ئالىملا راكقا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان يەتتە خىل كېسەلنى بايقىدى
[ئامېرىكا قىزىقارلىق پەن-تېخنىكا تور بېكىتىنىڭ 25-ئىيۇن ماقالىسى] ھازىر دۇنيادا كىشىلەرنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقاچقا، نۇرغۇن كىشى بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسىلا، ئۇنىڭ راكقا مۇناسىۋەتلىك كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولدى. بۇ ئورۇنسىز ئەندىشە بولسىمۇ، ئەمما بەزى كېسەللەر ھەقىقەتەن راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇتەخەسسسلەر تۆۋەندە راكقا مۇناسىۋەتلىك يەتتە خىل كېسەلنى تونۇشتۇردى:
1. جىگەر ياللۇغى. ۋىرۇس مەنبەلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ قانچىلىك ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىدىن قەتئىيئەنەزەر، ۋىرۇس مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى ھامان جىگەر راكىغا ئۆزگىرىدۇ، دېگەندەك گەپلەر ئاڭلاشقا بەك مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما، ئۇ جىگەر راكىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم.
2. سوزۇلما خاراكتېرلىك يارا. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر دائىم كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن كىشى بۇ كىچىك كېسەللەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك يارىلارنى ئۇزاق مۇددەت داۋالاتمىغاندا راكقا ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە داۋالىغاندا تولۇق ساقىيىدۇ. ئەگەر بىرەر ئورۇندىكى يارا بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىرەر ئايغىچە ياخشىلانمىسا، بۇ ئېغىز بوشلۇقى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئاشقازان يارىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەگەر ئاشقازان يارىسى تەكرار قوزغالسا، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى كەينى-كەينىدىن زەخىملىنىپ، ئاشقازان راكىغا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.
3. دىيابىت كېسىلى. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۇلاردا بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: بۇ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە سەمرىپ كېتىش ۋە يۇقىرى شېكەرلىك قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن باشقا، قاندىكى ئىنسۇلىن سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغان قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارمۇ بىمارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
4. ئاشقازان-ئۈچەي يولى مونچاق گۆشى. ئاشقازان-ئۈچەي راكىنىڭ كۆپىنچىسى مونچاق گۆشنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ بەز ئۆسمىسى مەنبەلىك بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆشىنىڭ راكقا ئايلىنىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆشى پەيدا بولغانلارنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئۈچ ھەسسىدىن بەش ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن، كۆپ بولغاندا 10 ھەسسىگە يېتىدىكەن.
ئاشقازان-ئۈچەي يولى مونچاق گۆشىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى مونچاق گۆشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تۈرى، مىقدارى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ھامان دەرھال داۋالىتىش كېرەك.
5. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرلەش. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇش نىسبىتى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغانلاردىن يۇقىرى بولىدىكەن. بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ كېسەللىك ھالىتى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسىلى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەچكە، كىشىلەر دائىم بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسىلىگە سەل قارايدۇ. شۇڭا بۇ خىل كېسەلگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
6. سۈت بېزى خالتىلىق ئۆسۈپ قېلىش. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بەز ئۆسمىسىسىمان ئۆسۈشتىن ئۇزاققىچە ساقايمىغان بىمارلارنىڭ ٪20 ىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يامان سۈپەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. سۈت بېزى خالتىلىق ئۆسۈپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ساغلام ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. سۈت بېزى خالتىلىق ئۈسۆپ قېلىشنىڭ راكقا ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن سۈت بېزى خالتىلىق ئۆسۈپ قېلىشقا گىرىپتار بولغانلار قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
7.قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى. قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەمنىڭ يېشىغا، جىنسىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ھەم بويۇن قىسمىغا رادىيوئاكتىپ نۇر چۈشۈش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئاياللاردا قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەرلەردىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. كۆپ ئورۇندا پەيدا بولغان قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى كېسىلى ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ. ئەمما يەككە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى كېسىلى يامان سۈپەتلىككە مايىلراق كېلىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان بەزنىڭ ئىششىغانلىقىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.