ئىدىيە

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-26 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 138 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئېغىلنىڭ ئىشىكى ئىچىگە قاراپ ئېچىلسا، كالا، ئات-ئېشەكلەر ياكى باشقا ئۇلاغلار قوتاندىن چىقالمايدۇ. چارۋىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپمۇ قالىدۇ، چۈنكى، ئۇلار قوتان ئىشىكىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدۇ. ئادەملەرلا بۇنى بىلىدۇ: بەزىدە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپمۇ قالىسىز. ئادەمدە ئەقىل بار، ئەقىل بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارىمىز، بىز ئۇنى پەرۋىش قىلىشىمىز، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
بىز تۇرمۇشىمىزدا يولۇققان ھەممە ئىشنى ئۆزىمىز بېكىتىۋالغان تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز بىلەن چۈشەندۈرىمىز.
بۇ بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئەگەر خاتا بولسا، ئەڭ يۈكسەك ھەقىقەتنى بۇلغايدۇ. بىز بىر ئۆمۈر يۈكلىۋالغان كونا ئىدىيە، كونا قاراشلار قۇلىلىنىڭ نەگىلا بارسا يۈدۈپ يۈرىدىغان قېپىغا ئوخشايدۇ.
تېرىقچى ياخشى ئۇرۇقنى تاللىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرىدۇ، كۆز قارىچۇقىدەك ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىدۇ؛ خۇددى شۇنىڭدەك، ئەقىللىق ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىگە مانا شۇنداق كۆيۈنىدۇ. ئۇ، ناچار ئىدىيىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەڭ ياخشى ئىدىيىنى ئېلىپ قالىدۇ، ئۇ ئېسىل ئىدىيىلەردىن پاناھ تىلەيدۇ.

5-ئاينىڭ 26-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *