سۆيگۈ-مۇھەببەت

يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-06 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 141 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

سۆيگۈ-مۇھەببەت

رەزىللىك بىلەن ئېلىشىڭ، ئەمما رەزىللەر بىلەن سۈلھىلىشىڭ. بىراۋنىڭ قىلغان ئەسكى ئىشىدىن يىرگىنىڭ، ئەمما ئەسكى ئىش قىلغان ئادەمدىن يىرگىنىپ كەتمەڭ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى يۇمران بولسىمۇ، ئەڭ قاتتىق تاش-تۇپراقنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، ھەتتا تاغ جىنسلىرىنىڭ چاك-يېرىقلىرىدىنمۇ ئاتلاپ ئۆتەلەيدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ھەرىكىتىمۇ مانا شۇنداق، دۇنيادا سۆيگۈ-مۇھەببەتنى توسالايدىغان ھېچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس.
−ھېنرى داۋىد زورو
ھەقەمسايىڭىزنى سۆيۈپ، خۇدانى سۆيمىسىڭىز، بۇ خۇددى يىلتىزىدىن ئايرىلغان دەرەختەك بىر ئىش بولىدۇ.
سىز خۇدانى سۆيگىنىڭىز ئۈچۈن ئۆز ھەقەمسايىلىرىڭىزنى سۆيسىڭىز، ھەر بىر ئادەمزاتىنى سۆيۈشىڭىز، ھەتتا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمىگەن ياكى چىرايى سەت ئادەملەرنىمۇ قالدۇرماي سۆيۈشىڭىز كېرەك. سەمىمىي سۆيگۈ-مۇھەببەتلا بىردىن-بىر مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىلچە ئۆڭمەيدۇ.

10-ئاينىڭ 6-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *