بالىلارنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئورۇن تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرەيلى
بالىلارنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئورۇن تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرەيلى
دىلبەر قۇربان
ئەنئەنىۋى قارىشىمىزدا ‹‹شوخ، ئويۇنغا ئامراق بالىلار ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ›› دەپ قارىلىدۇ. نۇرغۇن مۇئەللىم يېڭى سىنىپقا كىرگەندە، ئىلگىرىكى سىنىپ مەسئۇللىرىدىن ئۇ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كەپسىز ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹ئۆزگەرتىش ئوبيېكتى›› قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرىدۇ، سىنىپ يىغىنى ئاچسىلا ئۇلارنى جىم ئولتۇرمايدۇ، بېسىپ ئولتۇرالمايدىغان ئادەمدىن چوڭ بولغاندا نەتىجە چىقمايدۇ، دەپ تەنقىدلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال تەكرارلانغانسېرى بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ، ئۆگىنىشتە چېكىنىپ، پسىخىك جەھەتتىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشى مۇمكىن.
شوخ ئوقۇغۇچىلار راستىنلا ياراملىق ئادەم بولالمامدۇ؟ بۇنداق بولۇشى ناتايىن. گېرمانىيىلىك داڭلىق شائىر ھېنرخ ھېينىنىڭ نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئەڭ ئارقىدا ئىكەن، لېكىن شېئىرغا قىزىقىدىكەن، بىر قېتىم ئۇنى مۇئەللىمى شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كالۋا، دەپ تىللىغان ئىكەن. دارۋىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە نەتىجىسى ناچار بولغانلىقتىن، مۇئەللىمى ۋە ئاتا – ئانىسى ئۇنى ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن، دەپ قارىغان. دۇنياغا مەشھۇر كەشپىياتچى ئېدىسون باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ‹‹ئۆكتەم بالا›› دەپ نام ئالغان. ئۇ ئاران ئۈچ ئاي ئوقۇپلا مەكتەپتىن قوغلانغان. رېئال تۇرمۇشتا بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس. ئېھتىمال ھەر بىر ئوقۇغۇچى كەلگۈسىدە بىر تالانت ئىگىسى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلە ئۇلارنىڭ تالانتىنى بايقاپ، شۇ ئاساستا پەرۋىش قىلىش، تەربىيىلەش، يېتەكلەشتە. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا – ئانىنىڭ ۋەزىپىسى بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەئەللۇق ئورنىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش.
كەپسىز بالىلارنى تەربىيىلەش مەسىلىسىدىكى مۇھىم نۇقتا تەربىيىلەش قىممەت قارىشىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشتۇر. پېداگوگلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ كەپسىزلىكى ئەقلىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەن. ئەگەر بالىلار شوخ بولمىسا، ئۇلاردىكى ئەقىل، ئىجادچانلىق كۆمۈلۈپ قېلىپ تەرەققىي قىلالمايدىكەن. كەپسىز، شوخ بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى يۇقىرى بولۇپ، ئىچكى دۇنياسىدا كۈچلۈك ئاڭ مەۋجۇت. بەزىدە ئۇلار مۇئەللىمنىڭ پىكرىگە ئاشكارا قارشى چىقىپ، مۇئەللىمنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا تەربىيە بېرىش سەنئىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئۇلاردىكى ئىلگىرىلەشنى بايقىغاندا ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويسىلا ئۆگىنىشتە ھەممىگە يېتىشىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئۇلار مۇئەللىمنى سەمىمىي، كۆيۈمچان ئىكەن، دەپ قاراپ كۆڭلىدە قايىل بولىدۇ.
بەزى ئاتا – ئانىلار كەپسىز بالىسىنى ‹‹بۇ بالا مۇشۇنداق يۈرۈپ چوڭ بولغاندا قانداقراق ئادەم بولار؟›› دەپ ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن گۇمانلىنىدۇ. مېنىڭچە، مۇئەللىملەر، ئاتا – ئانىلار كەپسىز بالىلارنى كۆپ ئەيىبلىمەي، ئۇلارغا دوستانە پوزىتسىيىدە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ، مۇۋاپىق ئىلھام بېرىپ يېتەكلىشى كېرەك.
قىزىقچىلىق قىلىش بىر تۈرلۈك بالىلار ئويۇنى بولۇپ، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئېچىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. ئۇ بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، بىلىمىنى موللاشتۇرىدۇ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشتا مەلۇم تەرەپكىلا ئېسىلىۋالماي، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك؛ كەپسىز، شوخ، دەپ قارالغان بالىلارنىڭ كاللىسىغا قانچىلىك ئەقىل يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېچقايسىمىز ئالدىن بىلەلمەيمىز، شۇڭا ئۇلارنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.