ھايات ھېچكىمگە كۈتكەننى بەرگەن ئەمەس
: ھايات ھېچكىمگە كۈتكەننى بەرگەن ئەمەس ،،، بەرگەن بولسا ئۇ سېنىڭ تەلىيىڭ … بەرمىگەن بولسا ئامال يوق . سىنىڭ ھاياتقا ئۆتكۈزۈپ قويغىنىڭ يوق . سەبىر قىلىشىڭ كېرەك . ھەم سەبىر قىلماقتىن باشقا ئامالىڭمۇ يوق . ئەمىلىيەتتە سەبىر قىلالماستىن قىلغان ھەربىر ھەركىتىڭ ساڭا زىياندىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ . چۈنكى مۇسىبەتكە دۇچ كەلگەن بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھ سەبىر ئارقىلىق چىقىش يولى تاللىدى . شۇنداقلا سەبىر قىلىشنى نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ بىر ۋاستىسى قىلدى . ھەم ئاللاھ ئۆزىنىڭ سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى … سەبىر قىلماق كېرەك ! ئەمما سەبىر قىلىشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى ئارقىمۇ -ئارقا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئادەمدىن سورا ! قانچە قىيىن بولىشىدىن قەتئى نەزەر سەبىر قىلماق كىرەك ! … سەبىر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى ، بۇ دۇنيا پەقەت ۋە پەقەت سىناق ئالىمى . سەن دۇچ كەلگەن شۇ دىشۋارچىلىقلار ، شۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ، شۇ قىيىنچىلىقلار ھەممىسى بىر سىناق . خۇددى ئىمتاھان سۇئالىدىكى قىيىن سۇئالدەك . ئاددى سۇئاللارغا ھەركىم جاۋاب بىرەلەيدۇ . شۇ قىيىن سۇئاللار ئارقىلىق ئەمەلى نەتىجە بەلگىلىنىدۇ . لايىقىدا جاۋاب بىرەلىسەڭ ئىمتاھاندىن ئۆتىسەندە ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى بولغان جەننەتكە نائىل بولىسەن … بۇ دۇنيانى نىمەت ئالىمى ئەمەس ئىمتاھان مەيدانى دەپ بىلگىنكى سەن ئۆزۈڭنى ئۆز مۇراد-مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىمتاھان بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچى دەپ بىل … شۇندىلا ئۆز تەقدىرىڭدىكى تەلەيسىزلىكلەرگە ، قىيىنچىلىقلارغا لايىقىدا جاۋاب تاپىسەندە سەبىرسىزلىكتىن ئۇرغۇپ چىقىپ سېنى بىئارام قىلىۋاتقان شۇ سۇئاللارنى بىر ياققا سۈپۈرۋېتىسەن . سەبىرسىزلىككە ئۈندەۋاتقان خىياللىرىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالىدۇ … ئاللاھقا بولغان ئىمانىڭ بىلەن «سەبىر» سۇئالىغا ئەڭ ياخشى جاۋابنى يېزىش ئۈچۈن تىرىشقىن !
ئاللاھ بىزنى سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە قىلسۇن …