ھازىردا ياشاش

يوللانغان ۋاقتى : 2012-07-27 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 135 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئادەم ئۆزى خالىسىلا ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقاندا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كېتىشىنى ئويلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلسىلا ئادەم ھۇزۇر-ھالاۋەتتە ئۆتەلەيدۇ.
ئەگەر، سىز ھازىرلا ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىشقا چامىڭىز يەتسە، ئانداقتا ئىشنى كەينىگە سۆرەپ يۈرمەڭ. گېزى كەلسە، ئەزرائىل سىزدىن: سەن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بولغان، يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدىڭ، دەپ سوراپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماي قىلىۋېلىشىڭىز ئەڭ مۇھىمدۇر.
بىز ئۆتمۈشىمىزگە قايتالمايمىز، كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىمىزنى تولدۇرۋالالمايمىز. بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يېتەلىسەك، شۇنى ھېس قىلىمىز: بىز قىلغان ياخشى ئىش بەك كۆپ، يامان ئىش بەك ئاز بولۇشى كېرەك.
ئىشىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى باشقىلار تەنقىدلىشىدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان بولۇشى، ھالال ۋە پاك ئىشلارنى قىلغان بولۇشىڭىز كېرەك.

7-ئاينىڭ 27-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *