سېمىز بالىلارنىڭ بوينى قارداپ قالسا…

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-26 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 146 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ساختا خاراكتېرلىك تېرىگە قارامتۇل داغ چۈشۈش كېسەللىكى تېرىگە داغ چۈشۈش كېسەللىكىنىڭ تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ سېمىز كىشلەردىكى تەر چىقىپ ئاساسن قۇرىماسلىقتىن، تېرە ئۇزاق مەزگىل نەم ھالەتتە تۇرغانلىقتىن ھەك قورۇق بار جايدىكى تېرىنى قايتا-قايتا سۈرتۈشتىن پەيدا بولىدۇ.
ئەگەر بۇ خىلدىكى ساختا خاراكتېرلىك قارامتۇل داغ چۈشۈش ئالامىتى بالىلاردا كۆرۈلگەندە، 10-20 يىلدىن كېيىن ئۇلاردا دىيابېت كېسىلى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
بۇ خىلدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاسان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىسە، قارا داغمۇ ئاستا-ئاستا يوقايدىكەن. سېمىز بالىلار ئالدى بىلەن يېمەكلىكتىن كونترول قىلىشى كېرەك ئىكەن. بولۇپمۇ تېز تاماقخانىلاردىكى تاماقلارنى ئاز يېيىش، ئىچىملىكنى ئاز ئىچىشى، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى، كومپيۇتېر ئويناپ، تېلېۋىزور ئالدىدا بەك ئۇزاق ئولتۇرماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بەرگەندە، قارا داغنىڭ چۈشۈشىمۇ ئازىيىدىكەن.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *