ئۆزۈمگە نەسىھەت

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-13 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 379 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131213-104348.jpg

ئۆزۈمگە نەسىھەت : ھاياتلىق ئۆمرۈڭدە پەقەت بىر،سەنمۇ دۇنيادا پەقەت بىر. ساڭا قانچىلىك ئۆمۈر بېرىلگەنلىكىنى بىر ياراتقۇچى ئۆزى بىلىدۇ .
قايسى يوللاردا قانداق مېڭىش ، ئۆزىنى ئەزىز قىلىش ھەم پەس قىلىش ھەركىمنىڭ ئىشى. شۇڭا ئۆزۈڭنى ياخشى كۆر، قورسۇقۇڭ ئاچسا تاماق يىگېن، چارچىساڭ ئۇخلا ئارام ئال، ئويغانغانداكۈلۈمسىرە، شۈكرى دېگىن، ئەرزىمەس ئىشلارغا قايغۇرما، ئۆزۈڭنى خوشال ھەم ئەركىن تۇت ، باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرىدىن قورقما،چۈنكى باشقىلار سەن بىلەن بىرقەدەمدە ئەمەس .
ئۆزۈڭ توغرا دەپ ئويلىغان ئىشلىرىڭنى قىل ،باشقىلارنى رەنجىتمە ھەم ئەپۇچان بولغىن. تىرىشقىن، ئەتەڭ ئۈچۈن ، كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن مىللىتىڭ ئۈچۈن، بەختىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن …
چۈنكى سەن بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن بۈگۈن بولسا ، تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئەتىسى، سەن ئەڭ زېرىككەن ھازىر، كەلگۈسىدە قايتىشنى ئارزۇ قىلساڭمۇ قايتالمايدىغان ئۆتمۈش..

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *