كۆكمۇچنىڭ تەركىبى ۋە دورىلىق رولى
كۆكمۇچنىڭ تەركىبىدە كالتىسي، فوسفور، كالىي، ناترىي، ماگنىي، سىنىك، سېلېن، نىكويىن، كاروتىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار. يېڭى كۆكمۇچنىڭ تەركىبىدە ٪67–٪59 كىچە سۇ بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، لېكىن، ئۇنىڭ تولۇق پىشىشىغا ئەگىشىپ، سۇ تەركىبى تۆۋەنلەپ، ئىسسىقلىق مىقدارى ئاشىدۇ.
كۆكمۇچ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ .
كۆكمۇچتىكى ئالاھىدە مۇچ ئېلېمېنتلىرى ئاشقازان ۋە ئۈچەينى غىدىقلاپ، شۆلگەي ۋە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەزىم قىلىشنى تېزلىتىدۇ.ئۈچەي ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئالدىنقى تېما : دورا ئىچىشتىكى 20 خىل ناچار ئادەت
كىيىنكى تېما : ئۆرۈك مېغىزى بەلغەمنى بوشىتىدۇ