مىھرى-مۇھەببەت ھەققىدە ھىكمەتلەر
مىھرى-مۇھەببەت ھەققىدە ھىكمەتلەر
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
1-بايلارنىڭ مىھرى-مۇھەببىتى: سوۋغا-سالام نەپ بىلەن.
كەمبىغەلنىڭ مىھرى-مۇھەببىت كۆڭۈل خوشى گەپ بىلەن
2-بايلارنىڭ مىھرى-مۇھەببىتى :ھەشەمەتلىك يەپ بىلەن،
كەمبىغەلنىڭ مىھرى –مۇھەببىتى: ئاز بولسىمۇ دەپ بىلەن.
3-چىن دوستلۇقنىڭ مىھرى-مۇھەببىتى:بۇ دۇنيادىن كەتكۈچە،
ساختا دوستلۇقنىڭ مىھرى-مۇھەببىتى:بىرەر مەقسەتكە يەتكۈچە.
4-باشلىقنىڭ مىھرى-مۇھەببىتى:پۇخرادىن نەپ يەتكۈچە،
پۇخرانىڭ مىھرى-مۇھەببىتى:باشلىق ئۆسۈپ كەتكۈچە.
5-ھەسەتخورنىڭ مىھرى-مۇھەببىتى: ئاجىزلىقىڭ تاپقۇچە،
ئىشىڭ تەتۈر كەپ قىلىپ غەم –قايغۇغا پاتقۇچە.
6-دۈشمېنىڭنىڭ مىھرى-مۇھەببىتى:ئىچ سىرىڭنى ئاچقۇچە،
دوستلۇق قولى سۇنۇپ ھەم سېنى باغلاپ ساتقۇچە
ئاپتور:قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن
WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان