ئىيۇل 19 2013
ئەپچىل چارىلەر
* يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش سېزىلگەندە دەرھال تۇزلۇق قايناقسۇ ئىچىۋەتسە ، يېمەكلىكنىڭ زەھەرلەش تەسىرىنى يوقىتىدۇ ياكى تۆۋەنلىتىدۇ .
* باش ئاغرىغاندا تۇز سۈيى بىلەن پىشانىنى يۇسا ياكى تۇزلۇق قايناقسۇ ئىچسە ، ئاغرىقنى يىنىكلىتىدۇ .
* ھېرىپ-چارچاپ قالغاندا بىرەر چىنە تۇزلانغان قايناقسۇ ئىچكەندە ، روھىي ھالەت ئەسلىگە كېلىدۇ .
* ھەر كۈنى تۇزلۇق سۇ بىلەن ئېغىز چايقاپ تۇرغاندا ، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
* جىمبىلدا نان ، مانتا پىشۇرغاندا ، تېگىدىكى سۇغا ئازراق تۇز سېلىۋەتكەندە ، ياخشى كۆپۈپ ، يۇمشاق پىشىدۇ .
*ئەينەك ، پار-پۇر قاچىلارنى يېڭى سېتىۋالغاندا ، تۇز سۈيىگە سېلىپ قاينىتىۋەتسە چىداملىقلىقى ئاشىدۇ .
* كېيم-كېچەككە قان يۇقۇپ قالسا ، سەۋزىنى يانجىپ ، ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتسە ، قان ئاسان چىقىپ كېتىدۇ .
* كىرسىن چىراغ ياققاندا كىرسىنگە تۇز سېلىۋەتسە ، چىراغنىڭ ئىسى ئاز ، يورۇق كۆيىدۇ ، كىرسىن تېجەشلىك بولىدۇ .