ئاغىرىپ قالغان ۋاقتىلىرىمدا ئاتا-ئانىمىز دەيدىكەن: بالام، بىزنى ئەنسىرەتمىگىن!
    تاماق يېگەن چاغلاردا ئاتا-ئانىمىز دەيدىكەن: بىز بىلەن قالماي، ئۆزەڭ ياخشى يە!
    توي قىلغا نۋاقىتىمىزدا ئاتا-ئانىمىز دەيدىكەن: دائىم بىزنى سېغىنىپ يۈرمەي ياخشى ئۆتۈڭلار!
    ئاتا-ئانىمىز ئاغىرىپ قالغان بولسا ئۇلار دەيدىكەن: بىز ناھايىتى ياخشى بالام!
  
     ئى مىھرىبان، ئولۇغلۇقتا تەڭداشسىز رەببىم! ئاتا-ئانىلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن،ئۇلارغا رەھىم قىلغىن! ئۇلار ئىككىسى سېنىڭ قۇلۇڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى، ئۇلار سىنىڭدىن مېھرىبانلىقىڭنى، رەھىمدىللىقىنى تىلەيدۇ! ئى ئاللاھ، ئۇلارنى جازالىمىغىن، ئاتا-ئانىلىرىمىز دائىم ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولسا ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بېرىشىڭىنى تىلەيمىز، ئى ئاللاھ! ئەگەرئاتا-ئانىلىرىمىز گۇناھ ئىشلارنى كۆپرەك سادىر قىلغۇچىلاردىن بولسا، ئى رەببىمىز،ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىشىڭنى تىلەيمىز! ئامىن!
     بىركۈنلەردە ئاتا-ئانىڭىز ئالدىڭىزدا ئۆرىمۇ تۇرالمايدىغان، تۈزۈك يولمۇ يۈرەلمەيدىغان بىر ۋاقىتلار كەپ قالسا (ئاللاھ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ تەنلىرىنى مەڭگۈ سالامەت قىلسۇن!) ئۇلارنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇڭ! كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۇلار سىزنىڭ قولىڭىزنى يىتىلەپ ماڭغىنىدەك ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ئاستا مېڭىڭ….! ئەمدى ۋاپادارلىق قىلايمىكىن دەپ ئويلاپ تۇرغىنىزدا ئۇلار يوق بولۇپ قالسا پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ كېچىككەن بولىسىز!

پىكىر مەزمۇنى

ئىسمى :

تور بىكەت ئادىرسى :

رازىمەن تورى

/ تىز كونۇپكا : Ctrl+Enter