[يېڭى يۇمۇر]ئىسمايىل ئىسىملىك بىر مۇللام
[يېڭى يۇمۇر]
ئىسمايىل ئىسىملىك بىر مۇللام بىر كۈنى قەشقەردىكى ھېيتكادا ناماز ئوقۇۋېتىپ، جامائەت ئالدىدا بىر ئۇسۇرۇپ قويۇپ، خىجىلچىلىقتا، ئۆي ۋاقىسىنى ئېلىپ باشقا يۇرتقا كۆچۈپ كېتىپتۇ. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موللامنىڭ ئايالى:«سىلى بىر يۇرتقا بېرىپ قاراپ باقسىلا، بۇ ياقا – يۇرتتا تۇرۇۋەرمەيلى، ئەگەر يۇرتتىكىلەر سىزنىڭ ئەينى يىلىدىكى سەتچىلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، قايتىپ كېتىلى» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موللام يۇرتىغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ. قەشقەرگە كېلەي دېگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا بىر كىچىك بالا يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ، موللام ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلىپ، تۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن قانچە ياش كىرگەنلىكىنى سوراپتۇ: ئۇ بالا: بىزنىڭ يۇرتتا ئىسمايىل دېگەن بىر ئۇسۇرغاق موللام بارئىكەندۇق، شۇ يۇرتتىن كېتىپ 3 يىلدىن كېيىن تۇغۇلۇپتىكەنمەن دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ، موللام سەل كۆڭلىگە كېلىپ، ھە بالام 7 ياش كىرىپسەن دەپتۇ. موللام يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، يەنە بىر بالا يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ، موللام ئۇنىمۇ تۇتۇۋېلىپ قانچە ياش كىرگەنلىكنى سوراپتۇ. ئۇ بالا: بىزنىڭ يۇرتتا ئىسمايىل دېگەن بىر ئۇسۇرغاق موللام بارئىكەندۇق، شۇ يۇرتتىن كېتىپ 6 يىلدىن كېيىن تۇغۇلۇپتىكەنمەن دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ، موللام قاتتىق كۆڭلىگە كېلىپ، ھە بالام 4 ياش كىرىپسەن دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇللام يۇرتقا قايتىش نىيىدىن ۋاز كېچىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئۇ ئۆيىگە كىرىشىگە، ئايالى يۈگۈرۈپ چىقىپ: قانداق بولدى، كەتسەك بولامدىكەن دەپ سوراپتۇ. بۇنىڭ بىلەن موللام خوتۇنىغا: ۋاي گەپ قىلما خوتۇن، يۇرتتىكىلەر مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشىمنى ئۇنتۇپ قېلىش تۈگۈل، ھازىر ئۇنى كالىندار قىلىپ ئىشلەتكىلى تۇرۇپتۇ دەپتۇ.
发自 WordPress for Android