تويە كۆڭلۇم توي…
تويە كۆڭلۇم توي…ياردەمنى ئاللاھتىن ئەمەس،ئادەمدىن كۇتكىنىڭگە توي!قانچىلىغان ئادەملەر سېنى نائۇمىد قويمىدى؟ بۇرنىڭغا سۇ كىرمىگەنگە توي!ئەگەر بىراۋ بۇگۇن ساڭا ئازراق ياردەم قىلغان بولسا،سەن مەڭگۇ ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولغان بولاتتىڭ.رەببىڭنىڭ قانچىلىك مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىڭمۇ؟ ئۇ ساڭا تۇغۇلغىنىڭدىن بىرى ياردەم قىلىۋاتىدۇ.ئەمما سەن كۆپىنچە ئۇنىڭغا تۇزكورلۇق قىلدىڭ،ئەمدى شۇنىڭغا توي!رەببىم…“ ئۆزۇڭدىن باشقىغا مۇھتاج قىلمىغىن“، دەپ دائىم قىلىدىغان دۇئالىرىڭدا ئەمدى (ئىخلاس)نىڭ ھۇزۇرىنى سۇرىسەن…!سەجدىلىرىڭدە ،ئىبادەتلىرىڭدە سەمىمىي بولىسەن…!
تويە كۆڭلۇم توي…!مۇھتاجلىققا توي،قەرىزدارچىلىققا توي،ئۆزۇڭنى تونىيالمىغانغا توي.دۇئالارنى بارلىق كەمبەغەللەرنى قوشۇپ ئەمەس،يالغۇز ئۆزۇڭ ئۇچۈنلا قىلغانغا توي…!نامراتلىقتىن پانالىق تىلەشنى ئۇنۇتما!
چۇنكى نامرات بولساڭ،ئاتا-ئاناڭ ئالدىدا ئىتىبارىڭ،قىرىنداشلىرىڭ ئارىسىدا قىممىتىڭ،دوسلىرىڭ ئالدىدا ئىتىبارىڭ،كىشىلەر ئالدىدا ئىناۋىتىڭ…بولمايدۇ!بەلكىم مەۋجۇتلۇقىڭمۇ ئۆزۇڭنىڭ تىنىقىڭغىلا ئايان بولىشى مۇمكىن…!
تويە كۆڭلۇم توي…!ھەممە نەرسىگە تويساڭمۇ،ئىمانغا،ئىخلاسقا تويما!ئەمما باشقا ئىش،قۇرۇق چۈشلەر ئۈچۈن توي…!تويە كۆڭلۇم توي………!