تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور…..
- ئەڭ زور قىزقىش ـــ ئىزلىنىش بىلەن ئىجاد قىلىشتۇر.
- ئەڭ زور بايلىق ـــ بىلىم بىلەن ۋاقىتتۇر.
- ئەڭ زور ھەسرەت ـــ بىلمىسىزلىك بىلەن پوچىلىقتۇر.
- ئەڭ زور تەسەللىي بېرىش ـــ بىر–بىرگە ئىشنىشتۇر.
- ئەڭ زور ھاسلات ـــ تەجىرىبە ۋە ساۋاقتۇر.
- ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ـــ پاكلىق بىلەن ساداقەتمەنلىكتۇر.
- ئەڭ زور زېرەكلىك ـــ ئۆزىنى بىلىشتۇر.
- ئەڭ زور ئەخمەقلىق (ھاماقەتلىك) ـــ باشقىلارنى ئالداشتۇر.
- ئەڭ زور شەرمەندىچىلىك ـــ ئۆز ئىپپەت-نومۇسى بىلەن ۋىجداننى سېتىشتۇر.
- ئەڭ زور بەخت ـــ ئۆز ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر.
- ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژۇرنىلىنىڭ 1985-يىللىق 6-ساندىن ئېلىندى
- يوللىغۇچى: يوپۇرغا ناھىيەلىك تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىدىن مەريەمگۈل ئابدۇللا
ئالدىنقى تېما : ئۈچ مىليون يۈەنلىك دەرس (توققۇزىنچى دەرس)
كىيىنكى تېما : ئۇلۇغلارنىڭ ھاراقكەشلىك توغرىسىدا ئېيتقانلىرى