گەپ-سۆز

يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-24 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 141 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

گەپ-سۆز

بىكار تەلەپلەر قۇرۇق گەپ سېتىشقا ئۇستا كېلىدۇ.
ئەگەر، بىر ئېغىز گەپ بىر تەڭگىگە يارىسا، ئۇنداقتا كەم سۆزلۈك ئىككى تەڭگىگە يارايدۇ. كەم سۆزلۈك زېرەك ئادەملەرگە بەك پايدىلىق بولسا، ھاماقەتلەرگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.
−يەھۇدىيلارنىڭ «تەلمۇد» ناملىق كىتابىدىن
ئارقامدىن گەپ تاپقىنى مەندىن قورققىنى، ئالدىمدا ماختىغىنى مەندىن بىزار بولغىنىدۇر.
−چىن ماقالى
گەپ-سۆز ئۇلۇغ نەرسە. سىز گەپ-سۆز بىلەن باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە يىراقلاشتۇرۇپ قويىسىز ياكى يېقىنلاشتۇرالايسىز، گەپ-سۆز بىلەن سۆيگۈ-نەپرەت پەيدا قىلالايسىز.
مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال ئىدىيىدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ: بىرى، گەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغاندا گەپ قىلماي ئۆتكۈزۈۋېتىش؛ يەنە بىرى، سۈكۈت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاندا گەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىش.

9-ئاينىڭ 24-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *