سانغۇن ۋە ئېشەك

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-31 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 189 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەدەبىي خاتىرە

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى

قەدىمكى رىم پادىشاھى خاردى مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كەپتۇ:
پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى بىر سانغۇن ئورنىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۆھپىسىنى پەش قىپتۇ.
ـــ مەن تېخىمۇ مۇھىم رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشىم كېرەك، ــ دەپتۇ ئۇ، ــ چۈنكى مېنىڭ تەجرىبەم مول، ئون نەچچە قېتىم مۇھىم ئۇرۇشلارغا قاتناشقانمەن.
پادىشاھ خاردى تالانتلىقلارنى بايقاشقا تولىمۇ ماھىر ئادەم بولۇپ، بۇ سانغۇننىڭ قابىلىيىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى ۋەزىپىگە ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتراپىدىكى جەڭگە قاتناشقان ئېشەكلەرنى كۆرسىتىپتۇ:
ـــ مۆھتەرەم سانغۇن، بۇ ئېشەكلەرگە ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ، ئۇلار يىگىرمە قېتىمدىن ئارتۇق جەڭگە قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق، ئۇلار يەنىلا بەرىبىر ئېشەك!

بۈگۈنكى دۇنيا نەشرىياتى 2002-يىلى 5-ئايدا 1-قېتىم نەشر قىلغان ‹‹ھېكايە دەۋرى . كىچىك ھېكايىلەردىكى ئەقىل-پاراسەت››ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمان: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *